تۈركىيە يېڭى ئىقتىسادىي پىلانى

تۈنۇگۇن (10-ئاينىڭ 1-كۈنى) ، تۈركىيە پارلامېنتى يازلىق تەتىلدىن كېيىن ئەسلىگە قايتتى. ئەزالار كوللىكتىپ «خىزمەتكە چىقىتى»

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تۇيغۇ

 

2020-10-02

 

تۈنۇگۇن (10-ئاينىڭ 1-كۈنى) ، تۈركىيە پارلامېنتى يازلىق تەتىلدىن كېيىن ئەسلىگە قايتتى. ئەزالار كوللىكتىپ «خىزمەتكە چىقىتى»

 

تۆنۇگۇن تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان يەنە بىر يىغىن بولىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى. 

 

مېركېل تۆنۇگۇن تۈركىيەگە ئىجابىي خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى. كەلگۈسى بەش يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە مۇساپىرلار مەسىلىسى ئىكەنلىكى .ھەمدە تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە قوشقان تۆھپىسى كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى . مۇساپىرلار مەسىلىدە مېركېل گرېتسىيەنىڭ ئۈنۈمسىزلىكىنى تەنقىد قىلدى.

 

سەيشەنبە كۇنى تۈركىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى ئالبايراك 2021-يىلدىن 2023-يىلغىچە يېڭى ئىقتىسادىي پىلان ئېلان قىلدى.

 

تۈركچە قىسقارتىلمىسى YEP بولۇپ ، مەنىسى  «يېڭى ئىقتىسادىي پىلان» .

 

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانى ئادەتتە بەش يىل ، بۇ پىلان نېمە ئۈچۈن ئۈچ يىل بولىدۇ؟  چۈنكى سايلام يىلىغا ماس كەلمىگەچكە ، 2023-يىلى  سايلام يىلى ، ھەم پارلامېنت سايلىمى ، ھەم پرېزىدېنت سايلىمى بۇ يىل بولىدۇ ، شۇنداقلا ئۇ تۈركىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى.

 

يېڭى پىلان بىر قىسىم ئاساسلىق نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىل% 0.3 ، كېلەر يىلى% 5.8.

 

پۇل پاخاللىقى ، بۇ يىلقى نىشان% 10.5 كە تەڭشەلدى ، كېلەر يىلى% 6-8 بولىدۇ. ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ نىشانى 2023-يىلغا بارغاندا% 5 كە تۆۋەنلەش. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 875 مىليارد دوللار ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت كىرىمى 8381 دوللار.

 

ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئالدىنقى نىشانلارغا سېلىشتۇرغاندا ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار يۇقىرى-تۆۋەنگە كۆرۈنەرلىك تۈزىتىلدى. بۇسانلار ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بىردەك تەنقىدىگە ئۇچرىدى ، چۈنكى نىشانلارنىڭ كۆپىنچىسى 2013-يىلدىكى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتىن تۆۋەن ئىدى. مەسىلەن ، 2013-يىلى GDP ئاللىقاچان 961 مىليارد دوللار ئىدى ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 12 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنئىدى.

 

2002-يىلى ئەردوغان ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ، تۈركىيەنىڭ ئالتۇن ئون يىللىقىنى ئاچتى. ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار پارلاق بولۇپلا قالماي ، يەنە نۇرغۇن ئورگان قۇرۇلۇشى قىلدى ، بۇ دۇنيانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئەپسۇس  2014-يىلدىن بۇيان تۈركىيە ئىقتىسادى  ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتىدۇ ، ئىقتىساد ئۇدا ئالتە يىل كاساتلىشىۋاتماقتا.

 

ئەمما يېڭى پىلاندىن كۆرۈنەرلىك بولغىنى مالىيە مىنىستىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى. مىنىستىر كەچلىك زىيارەتتە ، مەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە پەرۋا قىلمايمەن ، مەن ئەمدى پېرېۋوت نىسبىتىگە قارىمايمەن دېدى. 

 

بۇگۈنكى دوللىر ۋە لىرا :   8 7.7       

 

يوۋرو ۋە لىرا: 9.15

 

سىتەرلىن ۋە لىرا : 10

 

گىرام ئالتۇن : 476 لىرا 

 

8-ئايدىكى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى ، بۇنىڭدا تاشقى سودا قىزىل رەقىمى% 168 ئاشتى ، چۈنكى ئېكسپورت ئازايدى ۋە ئىمپورت كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

 

 ئىقتىسادتىكى بىر كىچىك ئۆرنەك شۇكى ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش قارارى تۈركىيە سودا جەمئىيىتى تەرىپىدىن سودا جازاسى دەپ ئاتالغىنى. ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستان بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى تۈرك ئىمپورتىغا تۈرلۈك توساقلارنى سېلىشقا باشلىغان ، ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يەرلىك تۈرك يېمەكلىك زاۋۇتى ( ئۇلكەرنىڭ )  يېڭى ئۈسكۈنىلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتۈشكە يول قويمىغان.

 

سەئۇدى ئەرەبىستان تۈركىيەنىڭ 15-چوڭ سودا ھەمراھى ، ئۆتكەن يىلى تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتكە قىلغان ئېكسپورتى 3 مىليارد 300 مىليون دوللار ، ئىمپورت سوممىسى 3 مىليارد دوللار بولغان. ئاساسلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى يېمەكلىك ۋە ئۆي جاھازلىرى. سەئۇدى ئەرەبىستان مېھمانساراي تەمىنلەش بازىرى تۈرك مەھسۇلاتلىرى تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغان.

 

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ نۇقتىغا يېتىشىدە ئىككى ئاساسلىق سەۋەب بار: سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە  ئىستانبۇلدىكى مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى. 

UT-Uyghur Reporter 6

Next Post

ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگرا ئۇرۇشىى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كىتىشى مۇمكىن

جۈ ئۆكتەبىر 2 , 2020
تۈركىيەنىڭ يېقىنقى ئىككى كۈندىكى ئاساسلىق خەۋىرى ئۈچ: تۈركىيە ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگرا ئۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ؛ مالىيە مىنىستىرى يېڭى ئىقتىسادىي پىلاننى يولغا قويدى ؛ سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقۇم سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئاشكارىلاندى ، بىر كۈندە يۇقۇملىنىش سانى ئېلان قىلىنغان ساننىڭ 20 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇشى مۇمكىن. يەنى كۇنلۇك يوقوم سانى 30 مىڭغا يېتىدۇ. دىگەنلىك .

You May Like