گولدمان: 2018-يىلى دۇنيانىڭ نېفىت ئېھتىياجى كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلايدۇ

گولدمان: 2018-يىلى دۇنيانىڭ نېفىت ئېھتىياجى كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلايدۇ

سىنا تورىن 20-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: گولدمان سەكسنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيانىڭ نېفىت ئېھتىياجى كۈچلۈك ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، نېفىت زاپىسىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. گولدمان سەكس 19-ئاپرېلدىكى بىر دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: «بىز تەرەققىي قىلغان بازارنىڭ كۈچلۈك ئېشىش ھالىتىنى ساقلىشى ھەمدە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ ئېشىشىنىڭ تېزلىشىشىنىڭ ئورتاق تەسىرىدە دۇنيادىكى نېفىت ئېھتىياجى دۋاملىق تۈردە مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ دەپ دەپ قارايمىز. مۆلچەرىمىزچە، 2018-يىلى دۇنيانىڭ كۈنلۈك نېفىت ئېھتىياجى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن بىر مىليون 850 مىڭ باك ئاشىدۇ.» گولدمان سەكسنىڭ ئېيتىشىچە، 2018-يىلى دۇنيادىكى نېفىت ئېھتىياجى بۇ ئاكتىپ مۆلچەر بىلەن بىردەك بولۇپ، بىرىنچى پەسىلدە 2010-يىلى تۆتىنچى پەسىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يەككە پەسىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۈنىگە ئىككى مىليون 550 مىڭ باك ئېشىش ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن. «گەرچە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئايدىكى دۇنيا نېفىت سانلىق مەلۇماتى بىزنىڭ بۇ يىللىق ئېھتىياج ھەققىدىكى ئاكتىپ قاراشلىرىمىزغا ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئەمما ۋاقىتلىق قارشىلىق ئامىللىرىنى نەزەرگە ئالغاندا، 3-ئايدىكى رەقەم ئېھتىياج ئېشىشىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.» گولدمان سەكسنىڭ ئېيتىشىچە، پەسىل خاراكتېرلىك تەسىر ۋە كىلىماتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق بولۇشى 3-ئايدىكى سانلىق مەلۇماتقا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما بۇ ۋاقىتلىق ئاستىلاش بولۇپ، چەككىلەنگەن نېفىت پايدىسىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشى گولدماننىڭ 4-ئايدىكى ئېھتىياج جانلىنىدۇ، دېگەن قاراشلىرىنى قوللايدىكەن. ئەمما گولدمان سەكسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتى كۈچلۈك تەۋرىنىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ 3-ئايدىكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى، سودىدىكى سۈركىلىشنىڭ داۋاملىشىشى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىقلار ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئەندىشىنى تۈگىتىپ، ئادەمدە ئېھتىياجنىڭ كۈچلۈك ئېشىشىنىڭ سىجىللىقىغا بولغان ئەندىشىنى پەيدا قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

گىرېتسىيە تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان چېگرا ھالقىغان گىرېتسىيەلىك ئەسكەرلەرنى قويۇپ بېرىش شەرتىنى رەت قىلدى

سە ئاپرېل 24 , 2018
گىرېتسىيە تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان چېگرا ھالقىغان گىرېتسىيەلىك ئەسكەرلەرنى قويۇپ بېرىش شەرتىنى رەت قىلدى

You May Like