2030-يىلىغا بارغاندا %1 باي دۇنيانىڭ %66 بايلىقىنى مونوپول قىلىشى مۇمكىن

2030-يىلىغا بارغاندا %1 باي دۇنيانىڭ %66 بايلىقىنى مونوپول قىلىشى مۇمكىن

باش ئىشتابى ئەنگىلىيەگە جايلاشقان مۇستەقىل تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئورگىنى ئاۋام پالاتاسى كۇتۇپخانىسى (House of Commons Library)نىڭ دېيىشىچە، ئەگەر ھازىرقى ۋەزىيەت داۋاملىشىۋەرسە، 2030-يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى %1 باي پۈتۈن يەر شارىدىكى %66 بايلىقنى مونوپول قىلىدىكەن. ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرقى كاپىتال كېڭىيىش كۆلىمى ھەر يىلىغا %6 ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، 2030-يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى %1 باي ئىلكىدىكى بايلىق ئومۇمىي سوممىسى 305 تىرىلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، ھازىر بۇ سان 140 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى. ئوكىسفورد ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى (Oxfam)نىڭ يىل بېشىدا ئېلان قىلغان مەلۇم بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى سەككىز نەپەر مىلياردېرنىڭ قولىدىكى بايلىقنىڭ ئۆزىلا دۇنيادىكى ئۈچ مىليارد 600 مىليون كىشىنىڭ قولىدىكى بايلىقنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بىلەن تەڭلىشىدىكەن (دۇنيادىكى نامراتلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر). تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئامېرىكىدىكى باي-نامراتلارنىڭ پەرقى ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىنمۇ چوڭكەن. ئامېرىكىدىكى يىللىق كىرىمى ئەڭ تۆۋەن %10 نوپۇسنىڭ ئىچىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەر 100 نەپىرى ئىچىدە ئاران 30-20 نەپىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالايدىكەن، يىللىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى %10 نوپۇسنىڭ ئىچىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەر 100 نەپىرى ئىچىدە 90 نەپىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالايدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

دۇنيانىڭ ئالتۇن خەزىنىسى- ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسى

پە ئاپرېل 26 , 2018
نيۇيورك مانخاتتان رايونىدىكى پۇل-مۇئامىلە بەلبېغىدا ئەدەبىيات-سەنئەت قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئوردا ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە ئەينەن مۇجەسسەملىگەن بىر قۇرۇلۇش كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئالاھىدە تارتىپ تۇرىدۇ، بۇ دەل ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسىنىڭ ئىشخانا بىناسى. بۇ يەرگە كىرىپ چىقىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى كاستيۇم-بۇرۇلكا كىيسە، يەنە بەزىلىرىنى ئەركىن كىيىم كىيىنىپ يۈرۈشىدۇ،

You May Like