ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چوڭ كۆلەمدە نامايىش ئىلىپ بارماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ولوكاست قىرغىنچىلىق مۇزىيىنىڭ فەنەرەز خەلقئارا ئادالەت مەركىزى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان تەربىيە خاراكتىرلىك يېڭى كىتاب پائالىيتىدە، بىز بۇ سۇئالنى روھىنگا، جەنۇبى سۇدان، ئۇيغۇر ۋە يەزىدى ھايات قالغۇچىلاردىن سورىدۇق. ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىش يولىدا ئۆتەلەيدىغان رولى ۋە بىزنىڭ يېڭى كىتابىمىزنىڭ بىر ئەمەلى قوللانما سۈپىتىدە ئۆتەيدىغان رولىنى مۇزاكىرە قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە-سەپىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سەپىرى ئوسمانىيە ۋە گازەنتەپە پائالىيەتلىرى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر مىسىردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلەر بىرلىكىدە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى جەزىملەشتۈرۈشكە تىرىشقان ۋە 2013-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا كەلگەن ئابدۇراخمان خېلىل بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن…

نامايىشقا شىۋىتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈرك ۋە يەرلىك مىللەتلەر قاتناشتى.نامايىش كۈنتەرتىپىدە دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ،ۋە ئاخىرىدا شىۋىتسارىيە ھۈكۈمىتىنىڭ ياۋرۇپانىڭ قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇشىنى،خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىملىرىگە قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۈگۈنكى «نۆۋەت» پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەتەنداشلار ئالدى بىلەن خىتاي جازا لاگېردا شېھىت قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى مېھراينىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر خانىم ئانىسىنىڭ 4 ئاي ئىلگىرى جازا لاگېردا شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرىنىمۇ بۈگۈن تاپشۇرۇپ ئالغان . خىتاينىڭ ھەددىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا قارشى قەد كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان خەلقىمىزنىڭ بۇ پائالىيىتى 179 كۈندىن بېرى ئىسسىق- سوغۇق دېمەستىن داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

ئۆتكەن يىلنىڭ يىل ئاخىرىدا، يەنى 2020- يىلى 18- دېكابىر لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، خىتاي كونسۇلى ئالدىدا باشلىغان «ئائىلەم نەدە؟» پائالىيىتى 162 كۈندىن بېرى خەلقىمىزنىڭ قوللىشى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ.

بۈگۈن تۈركىيەدىكى زىيالي ياشلاردىن ئۇمۇن ئىھسان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەھبىرى كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى 19-ماي مۇستافا كامال ئاتاتۈركنى ئەسلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ياشلىرى يولۇققان كرىزىس ھەققىدە سۆز قىلغان.

8- مارت خانىم – قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى