ئويغان ياۋروپا نامىدىكى 300 كىلومېتىرلىق پىيادە نامايىشى باشلاندى

ئويغان ياۋروپا نامىدىكى 300 كىلومېتىرلىق پىيادە نامايىشى باشلاندى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 21-سېنتەبىر

« شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى» تەرىپىدىن پىلانلانغان، «ئويغان ياۋروپا» نامىدىكى گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردامدىن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنت بىناسى ئالدىغىچە بولغان 300 كىلومېتىرلىق پىيادە نامايىشى بۈگۈن چۈشتە ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدىن باشلاندى.

ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتتە ياشاۋاتقان « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى» ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن 10 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا شۇ جاي ۋاقتى 21- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 10 بىلەن ئامىستېردام شەھىرىنىڭ مەركىزى بولغان «دام» مەيدانىغا يىغىلىپ بۇ قېتىملىق يۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسىنى نامايىش بىلەن باشلىدى، نامايىشچىلار كۆتۈرگەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى، ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىمۋوللۇق  رەسىملەر مەيداندىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نامايىش جەريانىدا بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ مەقسىتى، «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى»نىڭ نىشانى ۋە ئىرادىسى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سائەت 12 بىلەن يۈرۈش رەسمىي ھالدا باشلاندى.

نامايىشچى گۇرۇپپا ئامىستېردامدىن يولغا چىقىپ 14 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى باسقاندا «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» (Amnesty International) دا خىزمەت قىلىپ ھازىر پېنسىيەگە چىققان ئۈچ نەپەر يەرلىك كىشىلەر يول ئۈستىدە يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇلارنى كۈتۈۋالغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: « دۆلىتىنى باشقىلار بېسىۋېلىشنىڭ ھەسرىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز، ھەرگىز بوشاشماڭلار» دەپ مەدەتلەر بەرگەن. نامايىشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى بۇ كىچىككىنە ۋەقە نامايىشچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتقان، شۇنداقلا داۋاملىق بوشاشماي كۈرەش قىلىشى ئۈچۈن زور مەدەتلەر بولغان. بۇنىڭدىن باشقا سەپەر جەريانىدا نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان كۆك بايراقنى كۆرۈپ قىزىقىپ سوئال سورىغانلارمۇ توختىماي ئۇچراپ تۇرغان بولۇپ، نامايىشچىلار ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ماڭغان. يولدا كېتىپ بارغان ماشىنىلار توختىماستىن سىگناللىرىنى چېلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن. نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ دېيىشىچە ئومۇمىي جەھەتتىن گوللاندىيەدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ بۇ سەپىرىمىزگە بولغان قىزىقىشى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق تۇيغۇسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان.

شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 9 لەر بىلەن تۇنجى كۈنلۈك مۇساپىنى تۈگەتكەن نامايىشچىلار 34 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى پىيادە بېسىپ، Sasenheim دېگەن يەرگە يېقىن يەردە چېدىر تىكىپ ئارام ئالغان. « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى» نىڭ ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدىن ئالغان ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىمقى يۈرۈش نامايىشى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى بولغان 1- ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ جەمئىي مۇساپىسى 300 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن. يۈرۈش جەريانىدىكى بېسىپ ئۆتمەكچى بولغان ھەرقايسى شەھەرلەردىكى مۇھىم ئورۇنلاردا نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت ياكى تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا جايلاشقان «ياۋروپا پارلامېنتى» مەركىزى ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىغا يېتىپ كېلىپ، پارلامېنتقا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى ئوچۇق خەتنى يوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتايغا قارشى تەدبىر ئېلىشىنى، شۇنداقلا كېلەر يىللىق ئولىمپىكنى ئاشكارا ھالدا بايقۇت قىلىشى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىش پىلانلانغان.     

 

سۈرەتلەر « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى» فەسيبۇك بېتىدىن ئېلىنغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دىققەت!!! شىياۋمى تېلېفونىنىڭ ئىشپىيونلۇق ھەرىكتى ئاشكارىلاندى

چا سېنتەبىر 22 , 2021
دىققەت!!! شىياۋمى تېلېفونىنىڭ ئىشپىيونلۇق ھەرىكتى ئاشكارىلاندى

You May Like