ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنى ۋاشىنگتوندا چوڭ نامايىش ئۆتكۈزمەكچى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چوڭ كۆلەمدە نامايىش ئىلىپ بارماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 

 

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى،17-سېنتەبىر

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى  ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چوڭ كۆلەمدە نامايىش ئىلىپ بارماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدىن ئەلفىدار ئابلىكىم ئىلتەبىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق نامايىش -پايتەختىنىڭ لىنكولىن خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 300 كىشىلىك نامايىشقا رۇخسەت ئىلىنغان. كۆلىمى ۋە تەسىرى جەھەتتە بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتاب قىلىدىغان مۇھىم پۇرسەت ئىكەن.

 

نامايىش جەريانىدا، لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئۇرۇق -تۇغقانلىرى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇرلار سۆز قىلىدىكەن، مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى تەكلىپ قىلىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى قۇززات ئالتاي ئەپەندى سوسيال مىدىيا ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر نامايىشقا قاتنىشىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ياشلارنى مەزكۇر نامايىشقا چاقىرىق قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان بولۇپ، بۇ يىلقى نامايىش تېخىمۇ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈلۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنماقتا ئىكەن.

ئەلفىدار خانىم قالدۇرغان ئاۋازلىق ئۇچۇردا  مۇنداق دېدى:
«ۋاشىنگتون ئەتراپىدا كەم بولغاندا 1000مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايمىز، كۆڭۈل ئېچىش، توي-تۆكۈن پائالىيەتلىرىدە ناھايىتى زور ساندا نە -نەلەردىن ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىمىز، ئەمما نامايىشلاردا سانىمىز دائىم ئاز بولىدۇ. مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ۋەتەندىكى ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنى ئۇنتۇماسلىققا،باشقا مىللەتلەر بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ، ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئاھۇ -زارىنى .ئۇنتۇماسلىققا چاقىرىمەن.»

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مۇھاجىرەتتە يېزىلغان «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق زور ھەجىملىك كىتاب  ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

جۈ سېنتەبىر 17 , 2021
مۇھاجىرەتتە يېزىلغان «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق زور ھەجىملىك كىتاب  ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

You May Like