دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيىگە كىرىشى قايتىدىن چەكلەندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيىگە كىرىشى قايتىدىن چەكلەندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 18 – سېنتەبىر

 

 

2021-يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى سەھەر سائەت 01:30 دا گېرمانىيەدىن ئەنقەرەگە كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيىگە كىرىشى قايتىدىن چەكلەندى.

 ئەنقەرە 1. ئىدارە مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيىگە كىرىش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كۆچمەنلەر باش ئىدارىسى رەسمىي ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق بۇ قارارنىڭ ماقۇللانغانلىقى ئادۋوكاتى ئارقىلىق دولقۇن ئەيساغا بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن  ئاستىرىتتىن دەرھال يېڭى بىر  قارار بىلەن خۇپىيانە ھالدا دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيىگە كىرىشىنى قايتا چەكلىدى. ئۆزى ھەققىدە چىقىرىلغان بۇ قارارىدىن پاسپورت كونترول نۇقتىسىدا خەۋەردار قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ تۈركىيىگە كىرىشىگە يول قويۇلمىدى. 

بۇ ھەقتە ئادۋۇكاتى ئىلياس دوغان ئەپەندى : بۇنىڭ تۈركىيىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ، تۈركىيە قانۇنىدا كىرىش چەكلەنگەن چەتئەللىكلەرگە قارىتا 15 يىلدىن ئوشۇق چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ،بۇ ھەقتە قايتىدىن داۋا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى  بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئەسەن بۇغا ئايرۇپورتىدا  گېرمانىيىگە قايتىش ئالدىدا  ئېلان قىلغان ۋىدىئولۇق باياناتىدا تۈركىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى ،ۋە  بۇنىڭ تۈركىيە قانۇنىغا خىلاپ  بىر قىلمىش ئىكەنلىكىنى، ئەسلى كېلىشتىكى مەقسىتى ئەنقەرەدە دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇشتا يېتىپ قالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ،رەھمەتلىك ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ئەركىن ئالپتېكىننى يوقلاشقا كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ئەسەن بۇغا ئايرۇپورتىدا كۈتۈۋېلىشقا چىققان ئادۋۇكاتى ۋە سەپداشلىرى بىلەن بىر قانچە مىنۇت كۆرۈشۈشكە يول قۇيۇلغان بولۇپ  ،ئۇ 2008 دىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان تۈركىيىگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ يەنە قايتا يولغا قۇيۇلىشىنىڭ ،خىتاينىڭ بېسىمى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن باشقا سەۋەبى يوقلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە تۈركىيە بۈگۈن ئۆز قانۇنىغا ئۆزى ئەمەل قىلماي، سوت ھۆكۈمنامىلىرىنىڭ قۇرۇق قەغەز ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى دەيدۇ. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتى، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور ئىلياس دوغان ئەپەندى ئەنقەرە ئەسەنبۇغا ئايردرومىدا بەرگەن تۇنجى باياناتىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى 

ئەتىدىن باشلاپ كېرەكلىك بارلىق قانۇنىي ئىلتىماسلىرىمىزنى باشلايمىز، تۈركىيە ئۆز قانۇنىنى  ئۆزى كۆزگە ئىلمىدى،ۋە تۈركىيە ئاساسىي  قانۇنىغا قارشى ئىش قىلدى. بۇنىڭدىن پۈتۈن تۈركىيە ۋە دۇنيا خەلقى خەۋەر تېپىشى لازىم دېدى.

 

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

بۈزرۈكلەر ھۇزۇرىدا كۆرگەنلىرىم (2)

دۈ سېنتەبىر 20 , 2021
ھەبىبۇللا ئىزچى ئەپەندىمنىڭ تارىخىي ئەسلىمىلىرىنىڭ داۋامى

You May Like