ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مۇدىرىيەت تۈزۈمى توغىرسدا
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئومۇمى خىزمەتلىرى مۇدىرىيەت تۈزۈمى ئاساسدا ئىلىپ بىرىلىدۇ.
مۇدىريەت ئەزالىرى كىملەردىن تەشكىل تاپىدۇ؟
ئۇيغۇر ئاگنىتلىقى باش مۇدىرى، ئىجرائىيە دىرىكتورى، باش نازارەتچى، باش مەسلىھەتچى، مالىيە مەسلىھەتچىسى، باش كاتىپ، باش تېخنىك، ھەر قايسى بۆلۈم مەسئۇللىرى ۋە مەسئۇل مۇھەرىرلىرى
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مۇدىرىيتى –ئايدا بىر قېتىم يېغىن ئاچىدۇ،ئۆتكەن ئايلىق خىزمەتلەردىكى ساقلانغان مەسللەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.كىلەر ئايلىق پىلاننى مۇھاكىمە قىلىدۇ.يېغىنغا مۇدىرىيەت ئەزالىرى نۆۋەت بويىچە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ياكى تەشكىللەيدۇ.
يېغىن مەزمۇنى باش كاتىپ تەرىپىدىن خاتىرلىنىدۇ ۋە يېغىندا ئىلىنغان بىردەك قارارلار مۇدىريەت ئەزالىرىغا ئېمەيىل ئارقىلىق ئەۋەتىپ بىرىلىدۇ.
مۇدىرىيەت خىزمەت دائىرىسى:
1-چوڭ ئشلار: ئاگېنىتلىقىنىڭ مۇھىم ۋە چوڭ ئشلىرىنى قارار قىلىدۇ.
2-مالىيە مەسللىرى: مالىيە مەسللىرىنى قارار قىلىدۇ. ئاگىېنىتلىق ئومۇمى چېقىملىرىنى ئىنىقلايدۇ، مالىيە مەسلىسنى ھەل قىلىدۇ.
3-ئاممىۋى مۇناسۋەت: تەشكىلاتلار ئارا، چوڭ تاراتقۇلار ئارا، تېبەت، خوڭكوڭ مېديالىرى ئارا ئالاقە پائالىيەتلىرىگە دائىر قارارلارنى ئىلىپ بارىدۇ.
4-ئامممىۋى تەشۋىقات: ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئامما ۋە شەخسلەر ئارائاگنېتلىقنىڭ تەشۋىقات ئشلىرىنى قارار قىلىدۇ ۋە ئىلىپ بىرىشقا پىلان تۈزىدۇ، ئادەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
5-قانۇنىيلىق: قانۇنى رەسمىيەتلەر، ئشخانا، ماركا، تور بېكەت، سوتسيال مېدىيا، ئۈسكۈنىلەر قاتارلىقلارنىڭ تەييارلىنىشى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىنشنى قارار قىلىدۇ.
6-تۈزۈملەشتۈرۈش: ئاگىنىتلىقىنىڭ بارلىق تۈزۈملىرىگە قاراپ چېقىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، يېڭىدىن تۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىشنى نازارەت قىلىدۇ.
7-ئادەم كۈچى: بۆلۈم دىرىكتورلىرى ۋەزىپىسنى بېكتىش ياكى ئىلىپ تاشلاشنى قارار قىلىدۇ.
8-تەربىيلەش: تەربىيلەش مەزمۇنى، دائىرسى، ئۆلچىمىنى، تەربىيلىگۈچىلەرنى بېكىتىدۇ.ئىمتىھان ئىلىش، خىزمەت كىنىشكىسى تارقىتىش قاتارلىق ئشلارنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.
9: مەزمۇن نازارىتى: ئومۇمى سۈپىتى نازارەتچىلىكىنى قىلىدۇ، ئەسەرلەرنىڭ ئىلمى، توغرا، ساغلام،بتەرەپ،ئشەنچلىك ۋە ئۇيغۇر مىللى مەنپەئىتى ستىراتىگىيەسىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
10-بۆلۈملەر ئارا ماسلاشتۇرۇش: ھەر قايسى بۆلۈم مەسئۇللىرى بىر–بىرىنى بىلىشى، تونۇشى، چۈشنىشى، نىمە مەزمۇن چىقارغانلىقىنى بىلىشى،سوسيال مىديا ھساپلىرىمىزغا ئۆز–ئارا ئەگەشكەن بولۇشى، ئۆز–ئارا تارقاتقان، تەرجىمە قىلغان بولۇشى،يېغىنلاردا ئورتاق تەجرىبە ئالماشتۇرغان بولۇشى لازىم.