7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى قاباھەتلىك بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، 2014 – يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىلانلىق، تەشكىللىك، مەقسەتلىك، سىستېمىلىق ۋە ئىنسانىيەت قىلىپىدىن چىققان يوسۇندىكى كەڭ كۆلەملىك دۆلەت تېررورلىقى – قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان كۈن.

سى ئەن ئەن -سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى ختتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ھەققىدە فىلىم ئ‍شلىدى،ھەمشرىلەر بايدىن ھۆكۈمىتىنى-سەئۇدىدىكى دادسىنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرماقتا.

ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق گولوبال دۇنيانىڭ سىياسىي ئاتمۇسفېراسىدا ئېنتايىن مۇھىم ئۇقۇم. ھىچقانداق دۆلەت ياكى ھىچقانداق مىللەت ھىچكىم بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەي، ھېچكىم بىلەن ھەمكارلاشماي بۈگۈنكى دەۋردە تەرەققىياتىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ.

شۇڭا خەلىقلەر، مىللەتلەر ۋە گۇرىپىلار ئىتتىپاقلىشىدۇ. كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ دۈشمەنگە قارشى بىرلىشىدۇ.

بۈگۈن شىۋىتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدە 5-ئيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە 7-ئىيۇلدا ئەسكەر ۋە خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

5.ئيۇل قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىن زامان تارىخىدىكى ،ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ۋە خىتاي سىياسىتىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسىدۇر! بىز بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايىز ! ۋە بۇ قىرغىنچىلىقتا بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيمىز ! بۇ كۈنى تانكا ئالدىدىكى تۇرسۇنگۈل ،قۇچىقىدا بالىسى بىلەن ئۈچ كۈنلۈك بوۋىقىنى ئۆيىدە قويۇپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان تۇرسۇننىيازخان، كۆك مايكىلىق قىز دىلبەر ئۇيغۇر تارىخىدىكى رىزۋانگۈل ۋە نۇزۇگۇم روھىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەيدىغانلىقىنى ،تاجاۋۇزچىلارغا مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلىدى!

ئەنقەرەدە «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى