خىتاي-ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققان

خىتاي-ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققان

 خىتاي-ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 01-ئىيۇل

يۈسۈپجان تەييارلىغان

30-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا توپ كۆرۈۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى قوللىغۇچى ئاكتىۋىستلارنىڭ نەق مەيداندا ئېلىپ بارغان قارشىلىق پائالىيەتلىرى خىتاي مىللەتچى ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

خىتاي كوممۇنىست رېجىمغا قارشى پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان ياش پائالىيەتچى Drew Pavlou ئەپەندىم نەق مەيداندا خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ناھەق 25 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مىرزات تاھىرنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان. نەتىجىدە نەق مەيدان ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىملىرى ئۇنى مەيداندىن يالاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. ئۇ يالاپ ئېلىپ چىقىلىۋاتقاندا نەق مەيداندا توپ كۆرۈۋاتقان مىڭلىغان خىتايلارغا قاراپ تۇرۇپ :« خوڭكوڭغا ئەركىنلىك! تەيۋەن مۇستەقىل ! ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشنى توختات!» دەپ خىتاب قىلغان.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە نەق مەيداندا «شەرقى تۈركىستانغا ئازادلىق! خوڭكوڭغا مۇستەقىللىق!» دەپ شوئار توۋلىغان Max Mok ئىسىملىك پائالىيەتچى بىر خىتاي مىللەتچى ئۇنسۇرى تەرىپىدىن قوپاللىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان يەنە بىر قانچە تىبەت پائالىيەتچىلەر كۆتۈرۈۋالغان تىبەت مۇستەقىللىق بايرىقىمۇ نەق مەيداندىكى ساقچىلار تەرىپىدىن يىغىۋېتىلگەن. ئاۋسترالىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ «كۈندىلىك پوچتا» مۇخبىرلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، نەق مەيداندا 7 نەپەر تاماشىبىن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن مەيداندىن چىقىرىۋېتىلگەندىن سىرت باشقا ئېغىر دەرىجىدىكى توقۇنۇش، زەخىملىنىش ۋەقەلىرى كېلىپ چىقمىغان.

ئالدىنقى ھەپتە خىتاي كونسۇلىغا نەق مەيداندا رەددىيە قايتۇرغان بەختىيار بۆرە ئەپەندىم ئۆزىنىڭ فەيسبۇكىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلىرىم، بۇ رەسىم بارچىمىزغا سۆزلىسۇن. Drew Pavlou بىز ئۈچۈن Melbourne غا بېرىپ، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 25 يىل كېسىلگەن مىرزات تاھىرنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىپتۇ ۋە خىتاي شوۋىنىسلىرىنىڭ تەھتىدىگىمۇ ئۇچراپتۇ. خوپ ، بۇ بىر چەتئەللىكنىڭ پىداكارلىقى ئۆزىمىزگە سوئال قويۇشقا ۋە ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇرلىماسمۇ؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنى شۇ ۋەتەننىڭ بىر پەرزەنتى، شۇ خەلقنىڭ بىرى دېسىڭىز ۋىجدانىڭىز سۈكۈتنى تاللاۋاتقان پىكىرىڭىزنى غىدىقلىماسمۇ؟ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ ۋىجدان ئازابىغا قالغاندىن، زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇپ بەدەل تۆلىگەن مىڭ ئەلادۇر.» 

ئىگىلىشىمىزچە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاۋسترالىيە كوماندىسى 69 غا قارشى 76 لىك نەتىجە بىلەن خىتاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدىكى  كېيىنكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە 3-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 18:40 دە مېلبورن شەھىرىگە جايلاشقان John Cain Arena تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلماقچى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەنقەرەدە «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

جۈ ئىيۇل 1 , 2022
ئەنقەرەدە «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like