پارىژدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان نامايىش قارشىلىققا ئۇچرىغان

پارىژدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان نامايىش قارشىلىققا ئۇچرىغان

 پارىژدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان نامايىش قارشىلىققا ئۇچرىغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 24-ئىيۇل

ئارمان

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنياغا داڭلىق مودا كىيىم ماركىسى «Dior» يېقىندا بازارغا سالغان مەلۇم بىر تۈردىكى كۆينىكىنىڭ شەكلى خىتاينىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنئەنىۋى كۆينىكىنىڭ پاسونىغا ئوخشاپ قالغان. بۇنىڭدىن «غەزەپلەنگەن» 50 كە يېقىن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى  23-ئىيۇن شەنبە كۈنى مەزكۇر دۇكاننىڭ پارىژدىكى باش دۇكىنى ئالدىغا يىغىلىپ قارشىلىق نامايىشى قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ خىتايلار «Dior» نى مەدەنىيىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلدى دەپ ئەيىبلەپ ئۇلارنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشتىن خەۋەر تاپقان پارىژدىكى 10 غا يېقىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قارشىسىدا تۇرۇپ نامايىش قىلغان. ئەسلى يۇرتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بولغان قازاق پائالىيەتچى مېربېك ئەپەندىم قولىغا « كۆينەك كىشىلىك ھوقۇقتىن مۇھىم» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پلاكاتنى كۆتۈرۈپ نامايىشچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان. ئەمما ئۇنىڭ سۈكۈتتىكى بۇ قىلمىشى خىتاي مىللەتچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. نەق مەيداندا تارتىلغان سىن ھۆججىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مېربېككە قاراپ ئېتىلغان خىتاي مىللەتچىسى ئۇنىڭ قولىدىكى پلاكاتقا ئېسىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بوينىدىن قايرىپ يەرگە بېسىشقا ئۇرۇنغان.

ئاگېنتلىقىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مېربېك ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ:« بىز بۇ نامايىشتىن پەقەت شۇ كۈنىلا خەۋەر تاپقانلىقىمىز سەۋەبىدىن كۆپ تەييارلىق قىلالماي قالدۇق، ئۆزىمىز قولىمىزدا ياسىغان ئاددىي پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش مەيدانىغا كەلگىنىمىزدە خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىزنى »» پلاكات باستۇرىدىغان پۇلى يوق قەلەندەرلەر»» دەپ مەسخىرە قىلىشتى، پلاكاتنى كۆتۈرگۈنۈمدە ئۇلاردىن بىرى ماڭا ھۇجۇم قىلدى. كەينىدىن مەن نەق مەيداندىكى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تەرىپىدىن قوپاللىق بىلەن ھەيدەلدىم…مەن پەقەت پلاكاتنى كۆتۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردۇم، ئەمما ئۇ خىتاي كېلىپلا مېنىڭ بوينۇمغا ئېسىلدى…شەرقى تۈركىستانلىقلار، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلەرنىڭ ھاياتى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغاندا ئۇلار سۈكۈتتە تۇردى، ئەمدى بۈگۈن بىر كۆينەك ئۈچۈن قارشىلىق بىلدۈرۈشۈپ نامايىش قىلىشىپتۇ. بۇ بەك كۈلكىلىك ئىش بولدى…»

مېربېك ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بەزى كىشىلەر نامايىشچى خىتايلارغا قاراپ «ئەجەبا سىلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارمارمسىلەر؟» دەپ خىتاب قىلىشقان. فىرانسىيە پارلامېنتىدا خىزمەت قىلىدىغان Nordine ئەپەندىممۇ نامايىش مەيدانىدا بار بولۇپ، ئۇ مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «  ئەلۋەتتە، فىرانسىيەدە ھەر بىر كىشىنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىش ھوقۇقى بار، بىز ئۇلاردىن مەلۇم بىر ماركا ئۈچۈن قارشىلىق ئاۋازىنى چىقىرىشقا رازىكى، نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى سوراپ بېقىشىمىز كېرەك…مېنىڭ كۈلگۈمنى كەلتۈرگىنى شۇكى، سەنئەتچىلەر مەلۇم بىر نەرسىلەردىن ئىلھاملىنىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى يارىتىدۇ، خۇددى ئەرەب، بەر بەر، موڭغۇل ياكى مىسىرلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئەت مەنبەلىرىدىن پايدىلانغىنىدەك. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىم ئەسلى ئىلھام مەنبەسىنى ئەسكەرتىشى لازىممۇ ئەمدى؟ بۇلارنىڭ بۇ ئىشنى تارتىپ چىقىپ نامايىش قىلىشى ماڭا بەكمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلدى…»

مېربېك ئەپەندىمنىڭ ئاگېنلتلىقىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئوخشاش تېمىدىكى نامايىش خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن كېلەر يەكشەنبە كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىش پىلانلىنىۋېتىپتۇ، بەلكىم لوندوندىمۇ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ شۇ جايلاردىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ نامايىش ئورنى ۋە ۋاقتىنى ئېنىق ئىگىلەپ نەق مەيدانغا بېرىپ خىتايلارنىڭ بۇ خىلدىكى ساختا ئويۇنلىرىنى ئېچىپ تاشلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي: پېلوسى تەيۋەنگە زىيارەتكە بارسا، ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىمىز دېدى. بايدىن: زىيارەت قىلىشنىڭ ياخشى ۋاقتى ئەمەس

پە ئىيۇل 28 , 2022
خىتاي: پېلوسى تەيۋەنگە زىيارەتكە بارسا، ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىمىز دېدى. بايدىن: زىيارەت قىلىشنىڭ ياخشى ۋاقتى ئەمەس

You May Like