سەئۇدى ھۆكۈمىتى تېنچ نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان سېتىۋالدى ھاجىمنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە قويۇپ بەردى

سەئۇدى ھۆكۈمىتى تېنچ نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان سېتىۋالدى ھاجىمنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە قويۇپ بەردى

 

ئۇيغۇر يۈرەك

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 31-ئۆكتەبىر

 

ئامېرىكا پۇقراسى، مۇستەقىل ئۇيغۇر پائالىيەتچى سېتىۋالدى ھاجىم 

سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە بەيتۇللاھ جامەسىدە ئىبادەت مەزگىلىدە ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغاندىن كىيىن 31-ئۆكتەبىر قويۇپ بېرىلگەن.

سېتىۋالدى ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۈمرە ھەج ئىبادىتىنى  بىجا كەلتۈرگىلى كەلگەن بولۇپ، ئۇ «ختتاينىڭ شەرقى تۈركستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتايلى»دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن مايكا كىيىۋالغان بولۇپ،بۇ ئارقىلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ختتاينىڭ جىنايەتلىرىگە بولغان دىققىتىنى تارتماقچى بولغان.

 شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى مەسئۇلى،سېتىۋالدى ئەپەندىنىڭ ئوغلى سالىھ خۇدايارنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى:

دادام قىسقىغىنە ئۈچ كۈندە ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلىندى، بىرىنچى قېتىمدا ئالتە سائەت، ئىككىنچى قېتىمدا 14 سائەت تۇتقۇن قىلىندى،ئۇنىڭ ختتاينىڭ جىنايىتىنى ئىپادە قىلىدىغان مايكا كىيىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىشى يوق ئىدى»

سالىھنىڭ دېيىشچە،ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ئالاقە قىلىپ، دادىسىنڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن،سەئۇدىدىكى ئەلچىخانا تەرەپ سېتىۋالدى ھاجىمنىڭ بىخەتەرلىكىگە جىددى مۇئامىلە قىلغان ۋە سەئۇدى ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

سالىھ مۇنداق دېدى: بۇ ختتاينىڭ ئويۇنى، سەئۇدى ھۆكۈمىتى دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە  ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن،ئەمما كىيىن تۇيۇقسىز دادامنى تۇتقۇن قىلدى.

تۆتىنچى كۈنى ساقچىلار دادامنى مايكىسنى سېلىۋېتىشكە بۇيرۇغان،دادام ئۇنمىغاندىن كىيىن،تۇتقۇن قىلغان،ئۇلار بۇ ئىبادەت ئورنى، سياسىي پائالىيەت ئارىلاشتۇرما دېگەن، ئەمما سەئۇدىدا ھەج مەزگىلىدە پەلەستىن ئۈچۈن ، يەمەن ئۈچۈن ،ئ‍سرائىلىيەگە قارشى شۇئارلارنى كىيگەن،بايراق چىقارغان ئ‍شلار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ، ئەجىبا ئەرەبلەر قىلسا بولدىيۇ، نىمىشقا ئۇيغۇرلار قىلسا بولمايدۇ؟»

 

ئۆتكەن ھەپتە سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ 20 نەچچە ئۇيغۇرنى ختتاينىڭ تەلىپى بويىچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.بۇ ھەقتە سالىھ مۇنداق دېدى:

بۇ ۋەقەلەر سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ ئ‍سلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان،مەنپەئەت ئۈچۈن ختتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئىلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى ھېمايە قىلغان چىرىك ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

قازاقستاننىڭ ئالماتا ئوبلاستى پەنجىمدە ئۇيغۇر-قازاق توقۇنۇشى پارتىلىدى.ئۇيغۇرلار يارىلاندى.ئۇيغۇر رايونى نامى ئۆزگەرتىلەمدۇ؟

دۈ نويابىر 1 , 2021
قازاقستاننىڭ ئالماتا ئوبلاستى پەنجىمدە ئۇيغۇر-قازاق توقۇنۇشى پارتىلىدى.ئۇيغۇرلار يارىلاندى.ئۇيغۇر رايونى نامى ئۆزگەرتىلەمدۇ؟

You May Like