خىتاي: پېلوسى تەيۋەنگە زىيارەتكە بارسا، ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىمىز دېدى. بايدىن: زىيارەت قىلىشنىڭ ياخشى ۋاقتى ئەمەس

خىتاي: پېلوسى تەيۋەنگە زىيارەتكە بارسا، ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىمىز دېدى. بايدىن: زىيارەت قىلىشنىڭ ياخشى ۋاقتى ئەمەس

 خىتاي: پېلوسى تەيۋەنگە زىيارەتكە بارسا، ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىمىز دېدى. بايدىن: زىيارەت قىلىشنىڭ ياخشى ۋاقتى ئەمەس

تۇرسۇنجان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-ئىيۇل

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەنگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلانغاندىن ھازىرغىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىدا بۇ ھەقتىكى كەسكىن باياناتلار ئۈزۈلمىدى.خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ :« كەسكىن ۋە قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىمىز» دېدى. خىتاينىڭ يېرىم باياناتچىسى خۇشى جىن :« خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىدۇ، تەيۋەن بوغۇزىدا مىسلىسىز كىرىسىز يۈز بېرىدۇ، ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ» دېدى.
سى ب ئەس خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچىلار بىردەك نەنسى چوقۇم زىيارەتكە بېرىشى كېرەك، ئەگەر بارمىسا ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن قورققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارىدى.
بايدىن بىلەن شى جىن پىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە نەنسى پېلوسنىڭ تەيۋەنگە زىيارەتكە بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، شى بايدىننى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرىدۇ دەپ خەۋەرلەر بېرىلدى.
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتاي تەيۋەنگە كەلگۈسى12 ئاي ئىچىدە ھەربىي ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بېلگىيەدە شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

دۈ ئاۋغۇست 1 , 2022
بۈگۈن 30-ئىيۇل كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بېريۇسسېلدا شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتىنى تېما قىلغان، ئ‍ۇيغۇر ئ‍ىرقي قىرغىنچىلىقىنى يەرلىكلەرگە ئ‍اڭلىتىش فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئ‍اۋات شەھەر كوچىسى ۋاپپېردا شەھەر ئ‍اھالىلىرىغا،ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىنى،خىتاينىڭ جازا لاگېرغا ئ‍ائ‍ىت رەسىم ، ماتېرياللار،تەشۋىقات ۋاراقلىرى ۋە جانلىق ئ‍ىسپاتلار بىلەن ئ‍اڭلىتىلدى. كۆرگەزمە جەريانىدا 500 پارچە يەرلىك تىلدا تەييارلانغان تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلدى.

You May Like