ئادۋۇكات ئىلياس دوغان دوغۇ پىرىنچەكنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش شىكايىتىنى باشلىدى

ئادۇۋكات ئىلياس دوغان خەۋەر تۈرك قانىلىدا ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسى دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ئۇيغۇر قىزى نۇرسىمانگۈلگە قىلغان تۆھمەتلىرى سەۋەبلىك دوغۇ پىرىنچەكنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يارۇق
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-يانۋار

 

ئادۇۋكات ئىلياس دوغان خەۋەر تۈرك قانىلىدا ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسى دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ئۇيغۇر قىزى نۇرسىمانگۈلگە قىلغان تۆھمەتلىرى سەۋەبلىك دوغۇ پىرىنچەكنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 

تەپسىلاتى: 27- يانۋار سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بىرى بولغان ياخشى پارتىيەنىڭ رەئىسى مەرال ئاكشەنەر خانىم شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قىزى نۇرسىمانگۈل ئابدۇرەشىدنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىغا سولانغان مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھەپتىلىك گۇرۇپپا يىغىنىغا تەكلىپ قىلىپ، لىكسىيە مۇنبىرىگە چىقارغانىدى.

 

نۇسىمانگۈل مۇنبەرگە چىقىشى بىلەن تەڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا نەقمەيداندىن بىۋاستە تارقىتىۋاتقان تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيەسى (TRT) ۋە پارلامېنتنىڭ مەخسۇس قانىلى (TBMM TV) بىۋاستە تارقىتىشىنى ئۈزۈۋەتكەن ئىدى. مەرال ئاكشەنەر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر قىزى نۇرسىمانگۈلنى پارلامېنت لېكسىيە مۇنبىرىگە چىقىرىشى كەڭ تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەن، دىئاسپورادىكى مەھزۇن ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن بولسا، يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان قاناللارنىڭ بىۋاستە تارقىتىشنى ئۈزۈۋىتىشى تەنقىد ۋە تەنبىھلەرگە سەۋەپ بولغانىدى.

 

نۇرسىمانگۈلنىڭ پارلامېنتتىكى تەسرلىك گۇۋاھلىقىدىن نەق مەيداندىكى پارلامنېت ئەزالىرى، شۇنداقلا كەڭ تور ئاممىسى كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغانىدى.

 

ئەپسۇس، مۇشۇنداق چىن رېئاللىق ۋە يۈرەكنى ئەزگۈدەك تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن سۆزلەنگەن پەريادلار تۈركىيەدە خىتاي سەۋدالىقى بىلەن تونۇلغان ۋەتەن پارتىيەسىگە مەنسۇپ مېدىيا قاناللىرىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. مەزكۇر قاناللار ھەردائىمقىدەك ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى بىجاندىل ئادا قىلدى. بۇمۇ يەتمىگەندەك 30- يانۋار تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان خابەرتۈرك (HABER TURK) تە دوغۇ پېرىنچەك تەرىپىدىن دېيىلگەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان بىر سىن كۆرۈنۈشى ھەربىر ۋىجدان ئەھلىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلدى. مەزكۇر قىسقا سىن كۆرۈنۈشىدە ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسى دوغۇ پىرىنچەك نۇرسىمانگۈلگە «دائىش ئەزاسى، ب د ت ۋە تۈركىيە تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، …» دېگەندەك تۆھمەتلەرنى چاپلىدى.

 

بۇ سىن كۆرۈنۈشى تارقالغاندىن كىيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دوغۇ پىرىنچەكلا ئەمەس، خابەر تۈرك قانىلىمۇ كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلدى.

 

ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى ۋە ئادۋۇكاتى پروفىسسور، دوكتۇر ئىلياس دوغان دوغۇ پىرىنچەكنىڭ نۇرسىمانگۈلگە قىلغان تۆھمەتلىرىگە قارىتا مۇنداق دېدى: «ئائىلىسى ۋە خەلقى دۇچ كەلگەن زۇلۇمنى سۆزلىگەن بىرىگە بۇنداق چىركىن ھۇجۇم قىلىش ھەقىقەت نومۇس قىلارلىق، بۇ تۆھمەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشمۇ ھەم شۇنداق. بىر قانۇنشۇناس بولۇش سۈپىتىم بىلەن دوغۇ پىرىنچەكنى داۋاگەرلىك كۈچىدىن مەھرۇممىكى دەپ گۇمان قىلىمەن.»

 

ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، سوتسىيولوگىيە پروفىسسورى ئابدۇرەشىد جېلىل قارلۇق تۋىتتېردىكى بىر يازمىسىدا: «خەۋەر تۈرك قانىلى ئاللىبۇرۇن <خابەر چىن> يەنى خەۋر خىتاي بوپتۇ.» دېدى.

 

ئىلياس دوغان يەنە بىر تۋىتتېر يوللانمىسىدا دوغۇ پىرىنچەكنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتقانلىقىنى ھەمبەھىرلىدى. شۇنداقلا خەۋەر تۈرك قانىلىغا نسىبەتەنمۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىنغان تۆھمەتلەرگە ئىزچىل ساھىپخانلىق قىلىپ كېلۋاتقان خەۋەر تۈرك ئەگەر (شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا) جاۋاب بېرىش ھەققىنى قوللانغىلى قويمىسا، كېرەكلىك قەدەملەر تاشلىنىدۇ، دېگەنلەرنى ئېلاۋە قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتتاي شىمالىي قۇتۇپتا تەسىر كۈچى پەيدا قىلىش ئۈچۈن جىددىي پىلانلار قۇرۇۋاتىدۇ

سە فېۋرال 2 , 2021
خىتتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپتا سۈيۈقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز باكلىرى ۋە يادرو ئېنېرگىيەلىك مۇز پارچىلايدىغان يۈك پاراخوتى بار بولۇپ، داۋاملىق تۈردە پاراخوت ۋە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترەتلىرنى يوللاۋاتىدۇ.

You May Like