يانفۇن بىخەتەرلىكى توغىرسدا مۇھىم چۈشەنچىلەر

سايبىر بوشلۇقى بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى، مەيلى بىز خالايلى ياكى خالىمايلى. بۇ يۇمشاق دېتاللار ئىنسانلارغا بىر تەرەپتىن ھاياتىغا ئاسانلىق ئېلىپ كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن زوراۋان دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.

ئاپتورى: قارا تۇپراق

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-06

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

سايبىر بوشلۇقى بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى، مەيلى بىز خالايلى ياكى خالىمايلى. بۇ يۇمشاق دېتاللار ئىنسانلارغا بىر تەرەپتىن ھاياتىغا ئاسانلىق ئېلىپ كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن زوراۋان دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.

نازارەت قىلىش  تېخنىكىسى بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ نازارەت قىلىش تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ كۇندىلىك جىسمانى ھەركىتىنى نازارەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇرۇن مۇمكىن بولمىغا كىشىلەرنىڭ روھى ھەرىكىتىنىمۇ نازارەت قىلىشقا ياردەمچى بولىۋاتىدۇ.

نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كەڭ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىۋاتقان نازارەت تېخنىكىسى «چىراي تونۇش» تېخنىكىسى ۋە «يانفۇن ئىزى» تېخنىكىسىدىن ئىبارەت. بۇ ھەر ئىككى تېخنىكا بۇرۇنقى ئادەم كۈچى ئارقىلىق كۆزۈتۈشنى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزىلىشى ۋە كەمسىتىلىشىگە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رول ئوينىماقتا. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ تېخنىكىلارنىڭ ئاساسى قىسمىنى يەنىلا غەرىب ئەللىرى تەمىنلىگەن، ھەتتا ياردەم قىلغان.

ئالدى بىلەن «يانفۇن نازارىتى» بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى. يانفۇن ھازىرقى زاماندا كەم بولسا بولمايدىغان، ئومۇملىشىشى ئەڭ كەڭ بولغان، ھەر بىر ئىنساننىڭ شەخسى تۇرمىشىغا سىڭىپ كىرگەن بىر ئەسۋاب. يانفۇندىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىر ئىنساننىڭ ئاساسى جەھەتتىن ھەممە ئىشىنى بىلگىلى بولىدۇ. جىسمانى ئۇچۇرلىرى: ئورنى، سۆزلىگەن سۆزى، كۆرگەن (رەسىم/ۋىدېئو)، بىئولوگىيلىك ئۇچۇرلىرى (يۈرەك رىتىمى، قان بېسىمى) ۋە باشقا. روھى ئۇچۇرلىرى: تىلى، دىنى ئېتىقادى، دۇنيا قارىشى، دوستى، كەيپىياتى، دۇشمىنى، ياخشى كۆرىدىغان شەيىلىرى، يامان كۆرىدىغان شەيىلىرى قاتارلىقلار.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندە ئۇيغۇرلارنىڭ يانفۇنىغا نازارەت دېتاللىرىنى مەجبۇرى قاچىلىسا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يانفۇنىغا ھەر خىل يوللار بىلەن قاچىلىماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغىنى خىتاي تور بەتلىرى، بولۇپمۇ بىكارلىق كىنو تور بەتلىرى، يانفۇن ئويۇنلىرى ۋە ھەتتا ئىنتايىن مەشۇر بولغان ن س ئو گۇرۇپ دېتاللىرى.

https://motherboard.vice.com/en_us/article/wnxpjm/nso-group-new-big-player-in-government-spyware

بۇ نازارەت دېتاللىرى قاچىلانغاندىن كىيىن يانفۇنىڭىزدىكى پۈتۈن ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپلا قالماي بەلكى كۇندىلىك تۇرمۇشىڭىزنىڭمۇ كۆزۈتۈپ تۇرۇش ئېھتىماللىغى بار. سىن كۆزىنى (كامېرا) ئېچىش، مىكروفوننى تىڭشاش، تېلىفۇننى تىڭشاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن سىزنىڭ مەخپىيەتلىڭىزنى ئوغرىلايدۇ. بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ سىزنىڭ ۋە ئەتراپىڭىزدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن مەلۇمات توپلىنىدۇ.

ھازىر خىتايدىكى «يۇز تونۇش» تېخنىكىسى ئەڭ ئەۋجىگە چىقىرىپ ئىشلىتىلۋاتىدۇ. مىليونلىغان سىن ئاپراتلىرى كوچىدىكى كىشىلەرنى نەخ مەيداندا كۆرۈپ، يۈزىنى ئانالىز قىلىپ، ئۆزىدىكى ئۇچۇر ئامبارلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىق چىقىرىپ تۇرىدۇ. بۇ تېخنىكىنىڭ ھەممىسى يۇقۇرى سۇرەتلىك «سۈننى ئەقىل» ئارقىلىق ئىلىپ بېرىلىدۇ.

بۇ تېخنىكا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا كەڭ كۆلەمدە ئىشتىلۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال بۇرتىنى مەجبۇرى چۈشۈرگۈزۈشى بىر تەرەپتىن خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يۈز تونۇش سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىملىكىنى تونۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ساقال ۋە بۇرۇت يۇز مۇسكۇلى ۋە قۇرۇلمىسىنى بىر قەدەر يېپىپ تۇرىدۇ.

ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تېلىفۇنىدىكى پۇتۈن ئۇچۇرلار مەركىزى ئامبارغا يوللىنىپ، يۇقۇرىي سۇرەتلىك ئەقلى سىستېمىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئاۋاز، ئورنى ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئانالۈز قىلىنىدۇ.

ئەمدىكى مەسىلە، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تېلىفۇنىغا ھازىرچە ئامالىمىز يوق، ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار يانفۇن بىختەرلىكىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كىرەك؟ بۇ ئىنتايىن جىددى بىر مەسىلە، بولۇپمۇ داۋا سەپىنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان پىدائىيلىرىمىز  يانفوۇنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشى كىرەك.

تەۋسىيە:

1) پروگرام مەنبەسى:  سىز قاچىلىغان پروگرام مەنبەسى ئىنتايىن مۇھىم. ئەڭ ئاددىسى، ئەگەر سىزگە بىرەر پروگرامما كىرەك بولمىسا قاچىلىماڭ. ئەگەر كىرەك بولسا نامى ياخشى، پۇللۇق پروگگراممىلارنى قاچىلاڭ. بىكارلىق پروگراممىلاردىن يىراق تۇرۇڭ. ھەر بىر پروگراممىنى قاچىلىغاندا ئۇ پروگرامما سىزدىن كامېرا، مىكروافون، ھۆججەت، رەسىم، ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىغا  قانۇنلۇق «رۇخسەت» بېرىشىڭىزنى سورايدۇ. بىز ككپىنچە ئۇ رۇخسەتكە ئىتىبارسىز قاراپ ماقۇل بولىمىز دە، ئۇ پروگراممىلارنىڭ سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىزدىكى ئۇچۇرغا خالىغانچە قانۇنلۇق كىرىش رۇخسىتىنى ئالغان بولىدۇ.

2) خىتايچە «بىكار» ئويۇن ياكى كىنو تور بەتلىرى: بۇ توربەتلەراە كومپيوتېر ۋە تېلىفۇنغا مەخسۇس ياسالغان ۋىرۇس ۋە جاسۇس دېتاللارى بار. شۇڭا خىتايچە ئويۇن ۋە كىنو تور بەتلىرىدىن نىرى تۇرۇڭ.

3) يانفۇن تازىلىقى: ھەپتىدە، ھىچ بولمىسا ئايدا بىر قىتىم تېلىفۇنىڭىنى تازىلاڭ. قانداق پروگرامما قاچىلاندى، نېمە ئۇچۇن قاچىلاندى. بەزىدە باللىرىمىز ئويۇن قاچىلاپ قويىدۇ. كىرەكسىز بولغان پروگراممىلارنى يۇيىۋېتىڭ. ئەگەر مۇمكىن بولسا، رەسىملىرىڭىزنى باشقا سىغىمدانغا يۆتكەپ تۇرۇپ ، تېلىفونىڭىزنى فورمات قىلىڭ ياكى « factory reset» قىلىڭ. بۇ تېلىفۇنىڭىزنh خۇددى ھازىر زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە ئەكىلىدۇ. بەزى تېلىفۇنلاردىكى ۋىرۇس ھەتتە « factory reset» تىمۇ يۇيۇلمايدۇ، بۇ چاغدا چوقۇم تېلىفۇننى تاشلاپ يېڭى تېلىفۇن ئېلىڭ.

4) Bluetooth/NFC: بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتمىگەن چاغدا چوقۇم تاقىۋېتىش كىرەك. ھازىر شۇنداق تېخنىكىلار باركى بۇ تېخنىكىنىڭ(Bluetooth/NFC) ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، يىنىڭىزدا ياكى مەلۇم دائىردە، 10 مېتىردىن 30 مىتېر ئەتراپىدا تۇرۇپمۇ تېلىفۇنىڭىزغا جاسۇس دېتاللىرىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا يانفۇن تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.

5) ۋىرۇسقا قارشى پروگرامما قاچىلاڭ: ۋىرۇس پروگراممىسى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدىن بىرى. LookOut, Webroot, Symantec, Sophos قاتارلىق شىركەتلەر ئالدىنقى قاتاردىكى دېتاللارنى ئىشلەيدۇ. بىكارلىق دېتاللار ئانچە ئۈنۈملۈك ئەمەس، پۇللۇقنى ئىشلىتىڭ.

(*كىيىنكى قېتىمدا كومپيوتېر بىخەتەرلىكى توغرىسىدا يېزىلىدۇ.)

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئاۋسترىيەدە «5- فېۋرال غولجا قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

پە فېۋرال 7 , 2019
7-فېۋرال، ئاۋسترىيە پايتەختى ۋىيانادا «ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى» تەشكىللىشى، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى» رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ قېتىلىشى بىلەن 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like