كومپيۇتىر بېخەتەرلىكى توغىرسدا ئۇيغۇرلارغا دەسلەپكى ساۋات

يانفۇن ھاياتىمىزنىڭ بىر قسىمى بولۇپ قالغاندەك، كومپيۇتېرسىز ھايات، بولۇپمۇ غەربى ئەللىرىدە، ئىنتايىن قولايسىز. چۈنكى كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىياتى سىزنىڭ تۇرمۇش رىتىمىڭىز، ئادىتىڭىز، تەپەككۇرىڭىزنى ۋە مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ. خەۋەر كۆرۈش، يىڭى ئۇچۇر ئىگىلەش، دەرس ئۆگۈنۈش، خىزمەت، ئوقۇش، بالا تەربىيىلەش، ۋەھاكازالار. قىسقىسى، كومپيۇتېر سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ قالدى.

ئاپتورى: قارا تۇپراق

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-11

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

يانفۇن ھاياتىمىزنىڭ بىر قسىمى بولۇپ قالغاندەك، كومپيۇتېرسىز ھايات، بولۇپمۇ غەربى ئەللىرىدە، ئىنتايىن قولايسىز. چۈنكى كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىياتى سىزنىڭ تۇرمۇش رىتىمىڭىز، ئادىتىڭىز، تەپەككۇرىڭىزنى ۋە مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ. خەۋەر كۆرۈش، يىڭى ئۇچۇر ئىگىلەش، دەرس ئۆگۈنۈش، خىزمەت، ئوقۇش، بالا تەربىيىلەش، ۋەھاكازالار. قىسقىسى، كومپيۇتېر سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ قالدى.

ھەر بىرىمىز جىسمانى ھاياتى  ۋە مال-مۈلكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ پۇل ۋە ئەجىر سىڭدۈرىمىز ھەمدە شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئۆي ئالغاندا تىنچ ، ئوغرى يالغان ئاز يەردىن ئالىمىز، ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكلىرىگە چوڭ ياكى پىششىق قۇلۇپلارنى بېكىتىمىز. نەخ پۇل، زىبۇ-زىننەتلەرنى مەھكەم يوشۇرىمىز، بىخەتەرلىك سىسستىمېلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. كومپيۇتېرنىڭ تەرەققى قىلىشى مال-مۈلۈكنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، يەنى زامانىۋى مال مۈلۈك «شىفىر مۈلۈك» ياكى «Digital Assests» كە ئايلىنىپ كەتتى. سىزنىڭ پۇللىرىڭىز شىفىر مۈلۈك سۈپىتىدە بانكا ياكى باشقا ئورۇندا ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىزنىڭ رەسىىملىرىڭىز، ھۆججەتلىرىڭىز، يازغان خەتلىرىڭىز، بانكا ھېساب نومۇرىڭىز، شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىزمۇ شىفىر مۈلۈك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇرۇنلاردا، ئۆيىڭىزدىكى مالنى ئوغرىلاش ئۈچۈن چوقۇم ئىشىك ياكى دېرىزىدىن كىرىپ ئاندىن مالنى ئىزدەپ تېپىپ ياكى قولغا نېمە چىقسا شۇنى ئېلىپ قاچاتتى. كومپيۇتېرنىڭ تەرەققى قىلىشى شىفىر مۈلۈكلەرنى ئوغرىلاشنىمىۇ ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. يەنە خاككېر «Hacker» دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە تۇرۇپ مەلۇم ئاماللار بىلەن كومپيۇتېرىڭىزغا كىرىپ خالىغان مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ مەشغۇلاتلار ھەرخىل تۈرلۈك بولسىمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى خىل مەشغۇلاتنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىرى، ئىقتىسادىي جىنايەت مەشغۇلاتى يەنە بىرى بولسا خىتاي جىنايەت مەشغۇلاتى.

ئىقتىسادىي جىنايەت مەشغۇلاتى: بۇ جىنايەتنى شەكىللەندۈرگۈچىنىڭ مەنبەسى ھەر خىل بولىشى مۇمكىن، بۇنىڭ نىشانى ھەرقانداق كىشى بولىشى مۇمكىن. بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ مەقسىدى بىر ئاماللارنى قىلىپ قارشى تەرەپتىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا ۋىرۇس قاچىلاش ئارقىلىق سىزنىڭ يازغان ھەربىر خەتلىرىڭىزنى كۆرۇپ تۇرىدۇ، بۇنى «Key Logger» دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ بانكىغا كىرىدىغان ئىسىم ۋە شىفىرىڭىزنى ئوغرىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بانكىدىن پۇللارنى يۆتكەپ ئوغرىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىزنىڭ شەخسىيىتىڭىزگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئوغۇرلاپ سىزنىڭ ئورنىڭىزدا باشقا ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنى ئىشلىشى مۇمكىن، بۇ «Identity theft» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل جىنايەت غەرب ئەللىرىدە ئىنتايىن ئەۋج ئالغان، بولۇپمۇ ياشانغانلار بۇ خىل جىنايەتنىڭ قۇربانى بولماقتا. بەزى جىنايەتچىلەر، ئوغرىلانغان ئۇچۇرلارنى توردىكى قارا بازارلاردا ساتىدۇ. چوڭ شىركەتلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، شىركەتنىڭ خېرىدار ئۇچۇرلىرى ئوغۇرلىنىپ قاراڭغۇ بازارلاردا سېتىلىدۇ.

خىتاي جىنايەت مەشغۇلاتى: خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭ دائىرىدە بىر تەرەپتىن پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇچۇر ۋە تېخنىكا ئوغرىلىسا يەنە تەرەپتىن  خىتايغا قارشى تەشكىلات ۋە شەخىسلەرگە نىسبەتەن تېخنىكىلىق جەھەتتىن ھۇجۇم قىلماقتا. يەنى تەشكىلاتلارنىڭ تور بېتىنى بۇزۇش، ئېلخەت سىستېمىسىغا كىرىش، توردا ھەرخىل يالغان خەۋەر تارقىتىش، كومپيۇتېر سىستېمىسىغا يۇشۇرۇن كىرىپ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ياكى كومپيۇتېر سىستېمىسىنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىرىش دېگەندەك مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلىرى خىتايلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. يانفۇننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتايلار ھۇجۇمىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىدىن بەكرەك يانفۇن سىستېمىسىغا قارىتىلدى، شۇنداقتىمۇ كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم.

كومپيۇتېرغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ۋىرۇس قاچىلاش ئۇسۇللىرى:

 1- «يەمچۈك » ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇل «Phshing» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بېلىققا يەمچۈك تاشلاپ بېلىقنى قارماققا ئىلىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇنىڭ تىپىك يولى مۇنداق بولىدۇ: سىزگە مەلۇم بىر كىشىدىن، شىركەتتىن، ھەتتا » دوستىڭىز» دىن ئېلخەت كېلىدۇ ياكى ئىنتېرنېت ئادرېس كىلىپ سىزنى ئۇ ئادرېسنى چېكىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادرېسنى چەكسىڭىز كومپيۇتېر ياكى تىلفۇنىڭىزغا ۋىرۇس ياكى خاتىرلىگۈچ «Keylogger» نى قاچىلايدۇ. بۇخىل پروگراممىنى ھەتتا رەسىم ئىچىگە قاچىلاپلا ئەۋەتىدۇ، يەنى ئۇ رەسىم ياكى ۋىدىئونى ئاچسىڭىز ياكى كۆرسىڭىز يانفۇن ياكى كومپيۇتېرىڭىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغان بولىدۇ. بۇ سۈكۈتتە قاچىلاش دەپ ئاتىلىدۇ. كومپيۇتېرىڭىز ياكى يانفۇنىڭىز بارغانسېرى ئاستىلاپ ماڭىدۇ. مەسىلەن: سىزگە بانكىدىن ياكى سىز ئىشلىتىۋاتقان مەلۇم بىر مۇلازىمەتتىن خەت كىلىپ، سىزدىن بانكا ھىسابىڭىىزدىن چاتاق چىققانلىقى، شۇڭا ئىسىم ۋە مەخپى شىفىرىڭىزنى سورايدۇ. ھەرگىز بەرمەڭ. «WhatsApp» رەسىم ۋە ۋىدىئولارنىڭ ھەممىسىنى چەكمەڭ. 

2- ئېلخەت يۈكلىمىسى: (Email Attachement) ئېلخەتتە كۆپىنچە ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىمىز، ئەگەر سىز كۈتۈلمىگەن كىشىدىن، ياكى دوستىڭىزدىن كۈتۈلمىگەن بىر ئېلخەت يۈكلىمىسى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز ئۇنى ئاچماڭ. بەزىمىز ھاياجانلىنىپ ياكى  خۇشاللىق ئىچىدە نېمە باردۇ دەپ ئېچىپ سالىمىز دە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىمىز. ئەگەر سىزگە مەشھۇر كىشىلەردىن يۈكلىمىلىك ئېلخەت كەلسە، ھاياجانلىنىپ كەتمەي ئۆچۈرۈۋېتىڭ.

3- خىتاي تور بەتلىرى، بىكارلىق كىنو تور بەتلىرى، ختاي تور بەتلىرىدىكى بىكارلىق  يۇمشاق دېتاللار. بۇ ۋەتەندىكى ئۇيغۇر كىنو تور بەتلىرىنىمۇ ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرقى ۋەتەن ئىچىدىكى تور بەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كونتروللىقىدا ئەمەس، شۇڭا ئۇ تور بەتلەردە ۋىرۇس بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ.

كومپيۇتېردىكى ۋىرۇس پروگراممىلىرىنى تېپىش ۋە تازىلاش

بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ۋىرۇسقا قارشى پروگراممىلارنى قاچىلاش كېرەك. ئۈچ لەڭمەننىڭ پۇلىغا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بىر يىللىق ۋىرۇستىن مۇداپىيە قىلىش پروگراممىسىنى سېتىۋالالايسىز. ۋىرۇسقا قارشى ئەڭ ياخشى پروگراممىلار:

1- Sophos

2- Symantec

3- Webroot

https://www.pcmag.com/article2/0,2817,2372364,00.asp

بۇنىڭ ئىچىدە بىرنى تاللاشقا توغرا كەلسە WebRoot نى تاللاڭ.

كومپيتورېڭىزدىكى جاسۇس پروگراممىلارنى تېپىش ئۇسۇلى:

خىتاي جاسۇس پروگراممىلىرى كومپيوتېردا جىم يېتىپ تۇرۇپ ئوغرىلايدۇ. بۇ پروگراممىلار سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇچۇر توپلايدۇ. بۇنىڭ تېپىش ئۇسۇلى كومپيۇتېر ئىنتېرنېتقا ئۇلانغاندىن كىيىن قايسى تور ياكى دۆلەت بىلەن ئالاقا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىشى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى ھەم ئىشلىتىلىشى قۇلاي بولغىنى تۆۋەندىكىلەر:

1) NetLimiter    : https://www.netlimiter.com

2) Little Snitch  :https://www.obdev.at/index.html

3) ZoneAlarm:   https://www.zonealarm.com/software/free-firewall

بۇنىڭ ئىچىدە Netlimiter تەۋىسىيە قىلىنىدۇ، ئەمما ھەممىنى سىناپ بېقىپ قارار قىلىڭ.

بۇ يۇمشاق دىتاللار كومپيۇتېرىڭىزدىكى كىرىپ چىقىۋاتقان ئۇچۇرلارنىلا كۆرسۈتۈپ قالماستىن بەلكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ نەرگە كىتىپ بارغانلىقىنىمۇ كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

trt world : خىتاي تەرەپنىڭ ئابدۇرىھىم ھېيت ھەققىدە تارقاتقان سىن كۆرنىشى شۈبھىلىك

دۈ فېۋرال 11 , 2019
تۈركىيە دۆلەت تىلىۋىزىيسى TRT نىڭ خەلىقئارالىق قانىلى TRT WORLD بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئابدۇرىھىم ھېيتنىڭ ھاياتلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرنۈشىنى شۈبھىلىك دەپ خەۋەر قىلدى.

You May Like