ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن ھەر بىر ئۇيغۇرغا بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشى


ختاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەش، ھۇجۇم قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش، بىر-بىرىگە ئۆچ قىلىش مەقسىتىدە بارلىق رەزىل-يوشۇرۇن ۋە تېخنىكىلىق ۋاسىتە ۋە تاكتىكىلارنى قوللىنىشنى كۈچەيتمەكتە.
سز بىلمەستىن ختاينىڭ ئۇچۇر توپلايدىغان دىتالىنى ئ‍ئىشلىتىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بايقىغان ئاساسلىق تەھدىتلەر تۆۋەندىكىچە:
1-فايىس بۇكتا سىز بىلەن يالغان ھېسابات ئارقىلىق دوست بولۇش، سىزگە ئۇچۇر ئەۋەتىش ئارقىلىق سزدىن ئۇچۇر يېغىش؛
2-سىزگە ئېمەيىل ئەۋەتىش: سىز ئەۋەتىلگەن ئۇلانمىنى چەكسىڭىزلا، تىلفونىڭىز ياكى كومپيۇتىرىڭىز ۋىرۇسلىنىدۇ-دە، ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىڭىز ئوغرىلىنىدۇ، سىزنىڭ نامىڭىزدىن ھەرىكەت قوللىنىش ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ.
3-ساختا ئەپ دىتالىنى قاچىلاش: ختاي كۈچلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئون نەچچە ئۇيغۇرچە ئەپ دىتالىنىڭ يالغان نۇسخىسىنى ياساپ بازارغا سالغان. ئەگەر ھوشيار بولمىسىڭىز، تىلفونىڭىزنى بارلىق ئۇچۇرلار ئۇلارنىڭ كونتىرۇللۇقىدا.
4-ھەر قايسى ۋاتس ئاپ توپلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىش: ئەزا سانى كۆپ بولغان ۋاتس ئاپ توپلىرىدا ناھايتى ئېنىقكى ختاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى باشقا دۆلەت تىلفون نومۇرلىرى بىلەن سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بولىدۇ.سۆھبەت مەزمۇنى، شەخسلەرنىڭ سالاھىيىتى قاتارلىقلارنى بىلگەندىن تاشقىرى، تاساددىپىي بىر ئۇلانما ئەۋەتىدۇ.سىز ئاچسىڭىزلا تىلفونىڭىز ياكى كومپيۇتىرىڭىز ۋىرۇسلىنىدۇ.
5-فايس بۇك گۇرۇپپىلىرى، ئىنستگرام قاتارلىقلاردا سىزگە ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ. ئالاقىدار ئۇلانمانى ئاچسىڭىز، تىلفونىڭىز ياكى كومپيۇتىرىڭىز زەھەرلىنىدۇ.
6-ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان، ناتونۇش، سالاھىيىتى ئىنىق بولمىغان ھەر قانداق شەخسنىڭ توردىكى يازما-ئىنكاسلىرى، ماقالىلىرىغا دىققەت قىلىڭ: ئۇلارنىڭ ئ‍سمى، رەسمى، مەزمۇنى ۋە مەقسىتى، يازغان ئىملاسى ھەممىسى سىزگە شۇ شەخسنىڭ سالاھىيىتى ۋە مۇددىئاسى ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېيتىپ بىرىدۇ.ئۇلار ئۆز سالاھىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل دىنى ئ‍سملارنى قويۇۋىلىشى، ساختا رەسىملەرنى ئ‍ئىشلىتىشى،ھەتتا دىن، سىياسەت، مەلۇم بىر تەشكىلاتقا يېقىن ، ياكى مۇستەقىللىق تەرغىپ قىلىنغان بىر نەچچە مەزمۇنلارنى يوللىشى مۇمكىن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات ۋە نۇرى تۈركەل قاتارلىق ئۇيغۇر ۋەكىللەر تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى.

جۈ سېنتەبىر 8 , 2023
ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى، تۇرسۇنجان، 8-سىنتەبىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە رەئىسى ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى دىرىكتورى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى كومسسارى نۇرى تۈركەل قاتارلىقلار تەيۋەن مەركىزى تەيبي شەھىرىدە «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك يېغىنى»غا قاتنىشش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن. بۇ دولقۇن ئەيسانىڭ 15 يىللىق ساياھەت چەكلمىسدىن كىين تەيۋەنگە […]
دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات ۋە نۇرى تۈركەل قاتارلىق ئۇيغۇر ۋەكىللەر تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى.

You May Like