سەككىز ئىش شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

تور ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنى رەتلەش، توپلاش ۋە يەتكۈزۈش بارغانسېرى ئاسانلىشىپ كەتتى. توردا مال سېتىۋېلىش، پاراڭلىشىش، پوچتا يوللانمىسى يوللاش، ماتېرىياللارنى بېسىش، كۆپەيتىش قاتارلىق ئىشلار ئىختىيارسىز ھالدا سىزنىڭ ئىسىم-فامىلىڭىز، كىملىك نومۇرىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز، ئادرېسىڭىز قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشكارىلىۋېتىدۇ.

تور ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنى رەتلەش، توپلاش ۋە يەتكۈزۈش بارغانسېرى ئاسانلىشىپ كەتتى. توردا مال سېتىۋېلىش، پاراڭلىشىش، پوچتا يوللانمىسى يوللاش، ماتېرىياللارنى بېسىش، كۆپەيتىش قاتارلىق ئىشلار ئىختىيارسىز ھالدا سىزنىڭ ئىسىم-فامىلىڭىز، كىملىك نومۇرىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز، ئادرېسىڭىز قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشكارىلىۋېتىدۇ. بۇ شەخسىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ كېتىپلا قالسا، ئالدامچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇشى ھەم ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قانداق ساقلىنىمىز؟ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تور بىخەتەرلىك تارماقلىرى كۆپچىلىكنى تۆۋەندىكى بۇ سەككىز خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشكە ئەسكەرتىدۇ: بىرىنچى، توردا مال سېتىۋالغاندا، ئالدامچى تور بېكەتلەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. تور ئارقىلىق مال سېتىۋالغاندا، تىزىملىتىپ كىرىدىغان تور ئادرېسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈش، ئېنىق بولمىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلماسلىق ۋە قاچىلىماسلىق، بانكا ھېسابات نومۇرى ۋە شىفىرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تولدۇرۇش كېرەك. ئالدامچى تور بېكەتلەردىن پەخەس بولۇپ، شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىش سەۋەبلىك ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئەسكەرتىش: مال سېتىۋېلىش تور پونكىتىغا چىققاندا، تىزىملانغان تور بېكەتنىڭ تور نامى توغرا بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، سودىگەرلەر دەماللىق خەۋەرلىشىش قورالىدا ئەۋەتكەن پۇل تۆلەش ئادرېسىنى ئاچقاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، «بېلىق تۇتىدىغان» تور بېكەتلەردىن پەخەس بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، تېز پوچتا تالونى، قاتناش بېلىتى، مال سېتىۋېلىش تالونى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم. تېز پوچتا تالونى تەركىبىدە توردا مال ئالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تېلېفون نومۇرى، تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىقلار بار بولىدۇ. پويىز بېلىتى، ئايرۇپىلان بېلىتىگە بېلەت سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى قاتارلىقلار بېسىلىدۇ، مال سېتىۋېلىش تالونىدىمۇ بىر قىسىم ئىسىم-فامىلە، بانكا كارتىسىنىڭ نومۇرى، ئىستېمال خاتىرىسى قاتارلىقلار بار. ئىختىيارسىز تاشلىۋەتسىڭىز، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ كېتىدۇ. ئەسكەرتىش: شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىكار قىلىنغان ماتېرىياللارنى چوقۇم ئوبدان بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ئۈچىنچى، كىملىكنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىغا ئىشلىتىش ئورنىنى ئېنىق يېزىش كېرەك. بانكا، كۆچمە خەۋەرلىشىش ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالى، ھەر خىل ئىمتىھانغا تىزىملىتىش، تور مەكتىپى كۇرسىغا تىزىملىتىش ئورۇنلىرى نۇرغۇن ئىشلاردا كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى ساقلاپ قويىدۇ، ھەتتا بەزى خەت بېسىش دۇكىنى، نۇسخىلاش دۇكىنى قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، نۇسخىلاش ماشىنىسى قاتتىق دېتالىنىڭ مۇئامىلىدارلار ئۇچۇرلىرى بار ماتېرىيالنى ۋاقتىنچە ئارخىپتا ساقلاپ قويىدۇ. ئەسكەرتىش: كىملىكنىڭ كۆپەيتمىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋاقىتتا، تەركىبىدە سالاھىيەت ئۇچۇرى بار رايونغا ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئېنىق قىلىپ «بۇ كۆپەيتىلگەن نۇسخا پەقەت xx xx ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ، باشقا ئىشلاردا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ» دەپ يېزىش ۋە ۋاقىتنى يېزىپ قويۇش كېرەك. كۆپەيتىپ بېسىش تاماملانغاندىن كېيىن، نۇسخىئالغۇنى تازىلىۋېتىش كېرەك. تۆتىنچى، قىسقىچە تەرجىمىھالدا پەقەت زۆرۈر ئۇچۇرلار تەمىنلىنىدۇ. ھازىر بارغانچە كۆپ كىشىلەر توردا قىسقىچە تەرجىمىھالنى ئەۋەتىش ئۇسۇلى بىلەن خىزمەت ئىزدەيدۇ. ھالبۇكى، قىسقىچە تەرجىمىھالدا لازىملىق شەخسىي ئۇچۇر بولسىلا بولىدۇ، بەزى شىركەتلەر يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتىدا بىر نۇسخا ئاتالمىش «شەخسىي ئۇچۇر جەدىۋىلى» تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭدا سىزنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىڭىز، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئىسمى، شەخسىي تېلېفون، ئادرېس، پۈتكۈزگەن مەكتەپ (باشلانغۇچ مەكتەپكىچە تەپسىلىي)، گۇۋاھچى (ھەتتا مەكتەپتىكى گۇۋاھچى) ، ھەتتا كىملىك نومۇرى قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: ئادەتتىكى ئەھۋالدا، قىسىقچە تەرجىمىھالىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىڭىز، بولۇپمۇ ئائىلىڭىزنىنىڭ ئادرېسى، كىملىك نومۇرىڭىز قاتارلىقلارنى بەك تەپسىلىي تولدۇرۇپ كەتمەڭ. بەشىنچى، مىكرو بىلوگ، توپتا پاراڭلاشقاندا شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارىلىماڭ. بلوگ، QQ بوشلۇقى، چاپلىمىخانا، مۇنبەرلەردە تونۇشلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، بەزىلەر ئاڭسىز ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ۋەزىپىسى، خىزمەت ئورنى قاتارلىق ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى دەۋىتىدۇ ياكى بەلگە قىلىپ قويىدۇ. بۇ ئۇچۇرلاردىن قانۇنسىز ئۇنسۇرلار پايدىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. توردىكى نۇرغۇن ساختا سالاھىيەت بىلەن ئالدامچىلىق قىلغانلار كۆپىنچە باشقىلارنىڭ مۇشۇ جايلاردا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: مىكرو بلوگ ، QQ بوشلۇقى، چاپلىمىخانا، مۇنبەر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشتىن ياكى بەلگە قىلىپ قويۇشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش لازىم. ئالتىنچى، ئۈندىداردا سۈرەت يوللىغاندا ئېھتىيات قىلىش لازىم. بەزى ئاتا-ئانىلار دوستلار چەمبىرىكىگە بالىسىنىڭ رەسىمىنى يوللىغاندا بالىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپى، تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلارنى قوشۇپ يوللايدۇ. بەزى كىشىلەر پويىز بېلىتى، ئايروپىلان بېلىتىنى يوللاشقا ئامراق، بىراق ئىسم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، ئىككىلىك كود قاتارلىقلارنى غۇۋالاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش ھەرىكىتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۈندىداردا «ئەتراپتىكى كىشىلەر» دېگەن بۇ ئىقتىدارمۇ دائىم باشقىلارنىڭ رەسىمىنى كۆرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئەسكەرتىش: سۈرەتلەرنى تورغا يوللىغاندا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك، كىشىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرەتلەرنى يوللىماسلىق، سۈرەت يوللىغاندا گۇرۇپپا تەسىس قىلىش ئارقىلىق يوللاش كېرەك. يەتتىنچى، توردا تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا ئېھتىياتچان بولۇش لازىم. تورغا چىققاندا ھەر خىل تەكشۈرۈش دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. مال سېتىۋالغاندىن كېيىن مۇكاپات تارتىش پائالىيىتى ياكى پوچتىدىن ماتېرىيالنى ھەقسىز ئەۋەتىشنى ئىلتىماس قىلىش، ئەزالىق كارتىسى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئادەتتە تەپسىلىي ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە ئائىلە ئادرېسى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئىناۋەت ئىشەنچىسى بار تور بېكەتلەرنى تاللاپ، قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش لازىم، ئالدىراپ تولدۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. سەككىزىنچى، ھەقسىز wifi شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاسان ئاشكارىلايدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفۇن تورىدىكى wifi (سىمسىزتور)نى ئاپتوماتىك ئۇلايدىغان قىلىپ قويغاندا، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى wifiغا ئاپتوماتىك ئۇلىنىپ قالىدۇ. wifiنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئىقتىدارى بىرقەدەر ئاجىز بولغاچقا، خاككېرلار بىر قىسىم ئاددىي ئۈسكۈنىلەرگە تايىنىپلا wifi دا ھەرقانداق ئابونىتنىڭ نامى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئوغرىلىيالايدۇ. ئەسكەرتىش: wifiدا تور بانكىسى ياكى ھەق تۆلەش گۆھىرىگە چىققاندا، مەخسۇس APP ئابونتلار تېرمىنالى ئارقىلىق زىيارەت قىلىش كېرەك. ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش ئۈچۈن، wifiغا ئۇلاشتا ئەڭ ياخشىسى ئاپتوماتىك ئۇلاشنى ئىتىۋېتىپ، ئۆزىڭىز قولدا ئۇلاڭ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ختتاي:(شنجاڭ)نىڭ 2017-يىللىق شەھەر نوپۇس تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئ‍ىلان قىلدى.

چا ماي 2 , 2018
بۇ ماقالە ختتاي مەنبەسدىن ئىلىنغان،شنجاڭ ئاتالغۇسى شۇنىڭدىن مەنبە

You May Like