يەكشەنبىلىك دۇنيا گېزىتى:گېرمانىيە 5G يادرولۇق تورىدا خۇاۋېي ئىشلىتىلمەيدۇ

گېرمانىيە «يەكشەنبىلىك دۇنيا گېزىتى» (Welt am Sonntag) نىڭ 15- نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىن كەلگۈسىدە گېرمانىيەدىكى ھەر قايسى كۆچمە تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى چوڭ شىركەتلەر خۇاۋېينىڭ 5G ئۈسكۈنىلىرىنى يادرولۇق تورىدا ئىشلىتىشتىن تەدرىجىي ۋاز كېچىدۇ.

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 16- نويابىر

 

گېرمانىيە «يەكشەنبىلىك دۇنيا گېزىتى» (Welt am Sonntag) نىڭ 15- نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىن كەلگۈسىدە گېرمانىيەدىكى ھەر قايسى كۆچمە تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى چوڭ شىركەتلەر خۇاۋېينىڭ 5G ئۈسكۈنىلىرىنى يادرولۇق تورىدا ئىشلىتىشتىن تەدرىجىي ۋاز كېچىدۇ.

 

گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپ ئامېرىكا ياكى باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردەك 5G ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى تور تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر ئۆزلىرى يادرولۇق تور قۇرۇلۇشىدا خۇاۋېي 5G تىخنىكىسىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى قارار قىلغان.

 

خەۋەردە يەنە خۇاۋېي 5G ئاساسىي پونكىتىمۇ بۇرۇنقىدەك مۇلازىمېتىر ئۆيىدىكى ئاتالمىش ​​«يادرولۇق تور ئۈسكۈنىلىرى» گە پۈتۈنلەي تايىنىۋالماي، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلىش ۋە يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

 

مەنبە: گېرمانىيە « يەكشەنبىلىك دۇنيا گېزىتى»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا خوڭكوڭ ۋەئۇيغۇر مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كارخانىلىرىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنى جازالايدۇ

سە نويابىر 17 , 2020
ترامپ ھۆكۈمىتى 10 ھەپتە ئىچىدە دۆلەت بىخەتەرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە خىتايغا قارىتا بىر يۈرۈش جازالارنى قوللىنىپ، خىتاي سىياسىتى مىراسلىرىنى مۇستەھكەملەيدىكەن، بۇنداق بولغاندا بايدىن ھازىرقى سىياسەتلەرنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتەلمەيدىكەن.

You May Like