ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي نازارەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەكتە

خىتيانىڭ خىكۋىژن پەن-تېخنىكا شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋىلىش لاگېرلىرىنى نازارەت ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگەن ئىدى. ئەمما بۇ شىركەتنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزىبىر ئورگانلىرى ئىشلەتمەكتە. بۇ شىركەتنىڭ باش ئورنى گوللاندىيەدە.

بىلمەسجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-10-27

 

خىتيانىڭ خىكۋىژن پەن-تېخنىكا شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋىلىش لاگېرلىرىنى نازارەت ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگەن ئىدى. ئەمما بۇ شىركەتنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزىبىر ئورگانلىرى ئىشلەتمەكتە. بۇ شىركەتنىڭ باش ئورنى گوللاندىيەدە.

 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرىغىمۇ بۇ خىل تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچنى كىرگۈزۈش پىلانلانغان. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ بريۇسسېلدا 60 تىن ئارتۇق خىزمەت بىناسى بار.

 

ھالبۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلتۇر «ساخاروف» مۇكاپاتىنى ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختىغا بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىكۋىژن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشى ئۆزىنىڭ سىياسەت نىشانلىرىغا قارىمۇ-قارشىدەك كۆرۈنمەكتە.

 

گېرمانىيە ئاۋازىدىن ئېلىندى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

شىمالىي ئامرىكا ئىسلامي ھەمكارلىق مۇنبىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇلدى

چا ئۆكتەبىر 28 , 2020
ئۇيغۇرىئان شمالى ئامېرىكا ئ‍سلامى ھەمكارلىق مۇنبىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ختاينىڭ ئ‍سلامغا قارشى سياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

You May Like