دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خاككىرلار يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى قەيىت قىلىندى

ئامىرىكىلىق كومپىيوتىر ئالىمى روجېر دىڭگىلدايىن (Roger Dingledine) بۇ يىلقى DEF CON 2019 دا سۆزلىگەن نۇتۇق تىمىسى «توساققا قارشى يىڭى قەدەم» The Next Chapter in Anti-Censorship ` » ئۇيغۇرلانىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ئۇيغۇرلارنڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىغىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

2019-12-16

 

قارا تۇپراق

 

ئامىرىكىلىق كومپىيوتىر ئالىمى روجېر دىڭگىلدايىن (Roger Dingledine) بۇ يىلقى DEF CON 2019 دا سۆزلىگەن نۇتۇق تىمىسى «توساققا قارشى يىڭى قەدەم» The Next Chapter in Anti-Censorship ` » ئۇيغۇرلانىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ئۇيغۇرلارنڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىغىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

 

Roger Dingledine - KNOW

 

DEF CON يىغىنى خاككىرلار ۋە سايبىر دۇنياسىدىكى سەرخىل كىشىلەر بولۇپ، نەچچە مىڭ كىشى قاتنىشىدىغان ئەڭ چوڭ يىغىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يىغىلىشقا ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىن خاككىرلار ، كومپىيوتىر مۇتەخەسىسلەر، دۆلەت مۇداپىيە، مەخپىيەتلىىك ۋە ھەر ساھەسىكى كىشىلەر كىلىپ قاتنىشىدۇ. https://www.defcon.org

 

https://www.defcon.org

 

روجېر دىڭگىلداينىڭ ئاساسلىق تىمىسى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تىخنىكىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىغىنى مىسال بىلەن كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ. بۇ جەھەتتە خىتتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ قاتتىق قول بولۇپ «پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىگىنى قوغداش» نىقابىنى كىيۋىلىپ، مۇستەبىتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇر ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىغىنى پاكىتلار بىلەن كۆرسۈتۇپ بىرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ 2 مىنۇت ۋاقتى مەخسۇس ئۇيغۇر توغرۇلۇق توختىلىدۇ. تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرلا ئۇستىدە توختالغان قىسمىنىڭ تەرجىمىسى: سۆزىنىڭ نەخ 31 – مىنۇت يىرىدىن باشلىنىدۇ:«
مەن شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، خىتتايدا شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان بىر رايون بار بولۇپ، خىتتايچە » يىڭى ئۆلكە‘ دەپ ئاتىلىدۇ، ھازىر خىتتاي پۇقرالىرى بۇ رايوندىكى قېرىنداشلارنى قىرىپ تۈگەتمەكتە. ئىشلار شۇ دەرىجىگە يەتتىكى خىتتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە يىتىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆزەتچىلىك قىلىپ مەلۇمات يوللايدۇ. باللىرىدىن ئايرىپ ئۇلارنى لاگىرغا سولايدۇ. بالىلىرى بىلەن ھەپتىدە بىرەر قىتىم تۆمۈر رىشاتكا ئايرىپ تۇرغان ھالەتتە كۆرۈشىدۇ. بالىلىرىڭىز بولسا سائەتلەپ سىزنىڭ ناچار بىر خىتتاي پۇقراسى ئىكەنلىگىڭىزنى ۋاقىراپ تۇرۇپ تەنقىتلەيدۇ. خىتتايلار ئۇيغۇر ئېرىقىنى قىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. خىتتايلار بىزگە ’ قاراڭلار بىزدە تور(torproject.org) ، پ گ پ (https://www.openpgp.or ) قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتسە بولىدۇ‘ دەيدۇ، ئەمما ھەر بىر قەدىمىمىزدە يوقىلاڭ رەسمىيەتلەرنى سوراپ توسىدۇ. ئۇلار مىنىڭ ئەسۋاپلىرىمنى ئىلىۋىلىپ بىر نەرسىلەنى قاچىلاپ قويدى، ئۇلار مىنىڭ ئۆيۈمدە بىللە ياشايدۇ“.

 

تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن روجىر ئەپەندىنىڭ سۇن نۇسخىسىنى ئاڭلىيالايسىز:

 

 https://blog.torproject.org/next-chapter-anti-censorship

 

شەرقى تۇركىستان خەرىتىسى ئاستىدىكى مۇنۇ ئۇلانمىنى چىكىڭ:
Backup mp4 for those who can»t reach onion services

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

تۈركىيەدە ئۈنسىز چۇقان ناملىق تارىخىي نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

يە دېكابىر 22 , 2019
20 -دېكابىر جۈمە كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ جەمئىيەت < IHH ، ئى خا خا> (ئىنسان ھەقلىرى ۋە ھۆرىيەتلىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى) نىڭ تەشكىللىشىدە تۈركىيەنىڭ 66 شەھەر، ناھىيەسىدە، كۆپىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن، بەزىسىدە شام، بەزىسىدە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن "ئۈنسىز چۇقان" ناملىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

You May Like