خىتايپەرەس پاكىستان ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە خىتاي تېررورلىرى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەلقئارا قانىلىمىزنى ھۇجۇم نشانىغا ئالدى. خىتاي خاككىرلىرى مۇلازىمىتىرىمىزغا ھۇجۇمنى كۈچەيتتى.

پاكىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىمى ئازىمخان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەلقئارا قانىلىمىزنى ھۇجۇم نشانى قىلدى. ئۇ تۋىتتېر مۇنداق دېگەن: «چەتئەلدە ياشايدىغان بىز ئۈچۈن ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر قانداقسىگە ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى دېيەلسۇن؟ نېمىشقا ئاز ساندىكى بۆلگۈنچىلەر ئامېرىكا تەرىپىدىن خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى دەپ ئېتىراپ قىلنىدۇ؟ بۇ ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر سياسىي پاناھلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خيالى ھېكايىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ.» ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى قوزغىتىلغان خەلقئارا قانىلى ئىنگلىزچىدە تەرجىمىسى ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى دېگەنلىك مەنىسنى بىلدۈرىدۇ.

تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2021- يىلى 13- ئاپرېل

ئۇ ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھسابىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ: «پاكىستاننىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدا مۇئاۋىن ئالاقە مەسئۇلى، پاكىستاندا شنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن <خىتاي – پاكىستان شنجاڭ يادرولۇق ياردەم تۈرى> ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن.» دەپ يازغان.

ئۇنىڭ تۋىتتېر ھسابىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن بايقىدۇقكى، مەزكۇر شەخس يەنە پاكستان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بىرلەشمە تەشۋىقاتنىڭ غوللۇق خادىمى بولۇپ، ھساباتىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىكەن.

ئاگېنتلىقىمىز جاموس تاۋىن تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان دوكلات «خىتاينىڭ 20 مىلىيون تور لەشكىرى ئارقىلىق يالغان ئۇچۇر تارقىتىدىغانلىقى» نى تارقاتقاندىن كېيىن، ئاگېنتلىقىمىزنىڭ تور بېكىتىگە ھۇجۇم ئېشىشقا باشلىغان بولۇپ، تېخنىك مەسئۇللىرىمىزنىڭ بىلدۈرىشىچە، يېڭى ياسالغان سىستېمىمىز ۋە مۇلازىمېتىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى كۈچلۈك بولۇپ، خىتاينىڭ ھۇجۇمى ئاقمايدىكەن.

خىتاي خاككىرلىرى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرۇلغاندىن بىرى ھۇجۇمنى سۇسلاشتۇرمىغان بولۇپ،2019- يىلى ئىيۇل ئېيىدا، مۇلازىمېترىمىزنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، گۇگىل شىركىتى تېخنىكا خەۋەرلىرىدە مەخسۇس خەۋەر بېرىلىپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ بەش تور بېتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېخنىكا ژۇرناللىرىدىن «كومپيۇتىر ژۇرنىلى» ۋە «تەك ران» شركەتلىرىنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلغان. ئەمما ئىنگلىزچە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تور بېكەتلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملار تېخنىك خادىملار چىقارغان ئۆلچەملىك دوكلاتلار بىلەن قوشۇلۇپ، ئامېرىكا فېدېراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسگە يوللىنىپ كەلمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

22- ئاپرېل ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇشنىڭ ئىككىنچى دۇنياۋىي دولقۇنى — ئەنگىلىيە پارلامېنتى بېلەت تاشلىماقچى

شە ئاپرېل 17 , 2021
ئەنگىلىيە پارلامېنتى 22- ئاپرېل ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش - قىلماسلىق مەسلىسدە بېلەت تاشلىماقچى بولۇپ، ئەگەر ئېتىراپ قىلىنىش بېلىتى تاشلانسا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنيا بويلاپ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغان بولىدۇ.

You May Like