ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن خوش خەۋەر: Voice of Uyghur ماركىسى رەسمىي قانۇنلۇق ئاخبارات ماركىسى بولۇپ تىزىملاندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن خوش خەۋەر: Voice of Uyghur ماركىسى رەسمىي قانۇنلۇق ئاخبارات ماركىسى بولۇپ تىزىملاندى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن خوش خەۋەر: Voice of Uyghur ماركىسى رەسمىي قانۇنلۇق ئاخبارات ماركىسى بولۇپ تىزىملاندى

ئۇيغۇر تايمىز (ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى) ئاخباراتچىلىقى ئاستىدىكى -ۋويىس ئوف ئۇيغۇرVoice of Uyghur ماركىسى ئىككى يىللىق ئىلتىماس ۋە ساقلاش باسقۇچىدىن كىيىن بۈگۈن «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پاتېنت ۋە سودا ماركىسى ئىدارىسى» تەرىپىدىن رەسمىي سودا ماركىسى دەپ تەستىقلىنىپ ئىشلىتىشكە بېرىلدى.

بۇ ماركا خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە 41-تۈرگە يەنى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خەۋەر توپلاش ۋە تارقىتىش كەسپى ئورگىنى تۈرىگە تەستىقلاندى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان ئىنسان ھەقلىرى بىرلەشمە ئاخبارات مەركىزى ئاستىدىكى پايدا ئالمايدىغان ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، 2018-يىلدىن ھازىرغىچە تور بېكەت ۋە سوتسىيال مېدىيانى ئاساس قىلىپ، 10 خىلدىن ئارتۇق تىلدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاخبارات ئىشلەش  ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى ئىلىپ كەلمەكتە.  ھازىرغىچە ئىككى ماركىنى تېزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ماددىي ياردىمى ۋە زىيالىي پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ تېرىشچانلىقى بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ۋويىس ئوف ئۇيغۇر- -Voice of Uyghur بۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇر تايمىز، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ نەشر ھوقۇقىغا ئىگە بولغان دىگىتال مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى جۈملىدىن  ئاۋاز -كۆرۈنمە ھۆججەتلىرىنى تارقىتىدىغان سۇپا ۋە  ئورگان ماركىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ.

 

 مەزكۇر ماركىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە مەنىسى « ئۇيغۇر ئاۋازى» بولۇپ، ئالاقىدار ئىسىم ۋە مەزكۇر ئىسىم بىلەن ئالاقىدار مەزمۇنلار جۈملىدىن مەزكۇر ئىسىمدا ئىشلىتىلگەن مەزمۇنلار ئۇيغۇر تايمىز (ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى)نىڭ  نەشر ھوقۇقى، ئەقلى -مۈلۈك ھوقۇقى ۋە مەزمۇن ھوقۇقىغا ئالاقىدار دائىرىلەردە ئىجازەت قىلغان ئورگان ياكى شەخسلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مۇدىرىيىتى

2022-يىلى 10-فېۋرال

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

كوممۇنىست خىتاينىڭ كاللا يۇيۇش سىياسىتى راستىنلا ئۈنۈمگە ئېرىشتىمۇ؟

شە فېۋرال 12 , 2022
كوممۇنىست خىتاينىڭ كاللا يۇيۇش سىياسىتى راستىنلا ئۈنۈمگە ئېرىشتىمۇ؟

You May Like