ختتاي ئىراقتا ئەرەبلەرگە 7000 مەكتەپ،90 مىڭ ئۆي سىلىپ بېرىدۇ

ختتاي ئىراقتا ئەرەبلەرگە 7000 مەكتەپ،90 مىڭ ئۆي سىلىپ بېرىدۇ

ختتاي ئىراقتا ئەرەبلەرگە 7000 مەكتەپ،90 مىڭ ئۆي سىلىپ بېرىدۇ
 
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،1- فېۋرال
 
ئامېرىكا تاشقى مۇناسۋەت ژۇرنىلى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ختتتاي ھۆكۈمىتى ئىراقتا ئۆتكەن 20 يىللىق ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغان مەكتەپلەرنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن، غايەت زور مەبلەغ سلىش پىلانىنى ئىلان قىلغان،ختتاي بۇ دۆلەتتە 7000 مەكتەپ سلىپ، ئەرەبلەرنىڭ كىينكى ئەۋلاتلىرىنى تەربىيلەپ چېقىدىكەن.ختتاي تىلى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا قوشۇلىدىكەن.سادىر شەھىرىدە 90 مىڭ ئۆي سىلىپ بىرىدىكەن،ئىراق بۇلارنى نېفىت بىلەن تۆلەيدىكەن. بۇ يىل بىرىنچى ئايدا،«ئوتتۇرا شەرق ۋە ختتاي مۇناسۋىتى يېغىلىشدا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرى، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر ختتاي بىلەن كەلگۈسى ئەسرلىك ئېقتساد ھەمكارلىق تەرەققىيات پىلانى ئىلان قىلغان بولۇپ، ختتاي بىلەن سودا ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش رىقابىتى قوزغالماقتا،
بىر قسم ئەرەب ئانالىزچىلىرى مۇنداق قارىدى:
«ختتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسرى ھەر قانداق دۆلەتتىن يۇقىرىلاپ ئاشماقتا،بۇ كەلگۇسدە ختتاينىڭ مونوپوللۇقىنى ئۆستۈرىدۇ،ئەمما بۇ ئامېرىكىنىڭ كالۋالىقىدىن كەلگەن،چۈنكى كىشلەردە ھازىر «ئامېرىكا ۋەيران قىلىدۇ، ختتاي يېڭىدىن قۇرىدۇ» دەيدىغان قاراش ئومۇملاشماقتا، دۇبەي، قاتاردىكى چوڭ سانائەت ئورۇنلىرى ۋە ئىگىز بىنالاردا ئامېرىكا ئەمەس ختتاينىڭ شركەتلىرى كۆپ،ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكا ختتايغا بەك بۇرۇن ئۇتتۇرۇپ قويدى »

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا پرېزىدېنتى: «ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمى سۈرىيەدە دائىش يېڭى لېدىرىنىڭ كاللىسىنى ئالدى»

پە فېۋرال 3 , 2022
ئامېرىكا پرېزىدېنتى: «ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمى سۈرىيەدە دائىش يېڭى لېدىرىنىڭ كاللىسىنى ئالدى»

You May Like