خىتاي قازاقىستانغا تۆمۈر يول ئۈچۈن قەرىز بىرىش ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى

خىتاي قازاقىستانغا «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى»نامىدا تۆمۈر يول ياساش ئۈچۈن بەرمەكچى بولغان قەرىز سوممىسى توختىتىپ قويۇلدى.

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

2019-6-12

 

خىتاي قازاقىستانغا «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى»نامىدا تۆمۈر يول ياساش ئۈچۈن بەرمەكچى بولغان قەرىز سوممىسى توختىتىپ قويۇلدى.

بىر قىسىم چەتئەل خىتايچە ئاخباراتلىرى :«خىتاينىڭ  بۇنداق قىلىشى ئاساسلىقى، ئامرىكا- خىتاي سودا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قاتتىق چىكىنىپ، پۇل قىسىنچىلىقى يۈز بەرگەچ، قالايمىقان خەجلەشكە پۇل قالمىغانلىقتىن بولغان»دىدى.

 

 

روسيە لىنتا ئاگىنتىلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىسستان پايتەختى نۇرسۇلتان شەھەرلىك ھۆكۈمەت 3- ئىيۇن ئاشكارىلىغان دوكىلاتىدا، مەزكۇر شەھەرنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى توختاپ قالغان بولۇپ، سەۋەبى خىتاپ تەرەپ ۋەدە قىلغان قەرىز پۇلىنى تەمىنلەشنى توختاتقان. خىتاي تەرەپ بولسا قازاقىستاننى قەرىز پۇلنى تىگىشلىك ئورۇنغا ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. بۇ تۆمۈر يول نۇرسۇلتان پويىز ئىستانسىسى بىلەن ئايدىرومنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول بولۇپ، 2020- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلان قىلىنغان ئىكەن.

دوكىلاتتا ئىيتىلىشىچە، قازاقىستان خىتايدىن مەزكۇر تۈر ئۈچۈن ئالغان قەرىز پۇل 1.9 مىلىيارد دوللار بولۇپ، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن قازاقىستان خىتاينىڭ بىر شىركىتىنى تەكلىپ قىلغان. نەتىجىدە خىتايدىن ئالغان قەرىز پۇل يەنە خىتاينىڭ قولىغا ئۆتكەن.

قازاقىستان مۇتەخەسىسلىرى ۋە سىياسىي تەھلىلچىلىرى:«خىتايلار قازاقىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. قازاقىستان ھۆكۈمىتىدە ئىنتايىن چوڭ مەسىلىلەر ساقلانغان، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ بەك ناچار، تاھازىرغىچە تەبىئىي بايلىققا تايىنىشتىن باشقا ئىقتىسادىي كىرىمى يوق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق قەرىز قايتۇرۇشقا ئەسلا كۈچى يەتمەيدۇ. خىتايلار قەرىز پۇلىنى توختىتىۋىتىشى ئەمەلىيەتتە قازاقىستاننى قەرىز قىلتىقىغا مەجبۇرلاش ئۈچۈن»دىيىشكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا خىتايچە خەۋىرى

https://www.rfa.org/mandarin/yataibaodao/junshiwaijiao/lxy-06102019083632.html

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ترامپ: «ئەگەر شى جىن پىڭ 20 دۆلەت يىغىنىدا مەن بىلەن كۆرۈشمىسە، خىتايغا يېڭى جازا يۈرگۈزىمەن» دېدى

چا ئىيۇن 12 , 2019
پىرزېدىنت ترامپ «ئەگەر خىتاي رەئىسى بۇ ئايدا ياپونىيە ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىگىرمە دۆلەت يىغىندا ئۆزى بىلەن ئۇچراشمىسا، خىتاي ماللىرىغا يەنە يېڭى جازا يۈرگۈزىمەن» دەپ تەھدىت سالدى.

You May Like