خىتاينىڭ بۇداپېشتتا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش پىلانى سۇغا چىلاشتى

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ماي ئېيىنىڭ بېشىدا ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى «فۇدەن» ئۇنىۋېرسىتېتى تارماق مەكتىپىنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدە قۇرۇلۇش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ پىلاننىڭ شەرتسىز ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى ۋېنگىرىيە خەلقىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. 5- ئىيۇن نەچچە مىڭلىغان بۇداپېشت خەلقى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ شەھەردە قۇرۇلۇشىغا قارىتا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 10- ئىيۇن

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 10- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا پەيشەنبە كۈنى(10-ئىيۇن) ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ئوربان ۋىكتور (Orbán Viktor) مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ بۇ پىلان توغرىسىدا ئاۋام خەلق بېلەت تاشلاپ ئاندىن قارار ماقۇللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى دېگەن: »» بىز ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش پىلانى توغرىسىدا چوقۇم ۋېنگىرىيە خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمىز، 2023-يىلىدىن بۇرۇن ئاۋام خەلق سايلىمى ئارقىلىق قارار بېكىتىمىز».

ۋېنگىرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرى ئالدىنقى ھەپتە بۇداپېشت شەھەر پۇقرالىرى ئارىسىدا «فۇدەن» نىڭ مەزكۇر شەھەردە مەكتەپ قۇرۇش پىلانى توغرىسىدا راي سىناش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ پىلانغا قارشى پوزىتسىيەدە بولغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە خىتايغا مايىللىقى بىلەن تونۇلغان نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر ئوربان ۋىكتورنىڭ خەلق ئارىسىدىكى قوللاش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 2022-يىلدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ياپونىيە- ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

پە ئىيۇن 10 , 2021
9-ئىيۇن ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئىككى تەرەپ مىنىستىرلىقلار تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت جون موررىسسون (Scott John Morrison) ئەنگلىيەگە مېڭىش سەپىرىدىن بۇرۇن بايانات بېرىپ G7 گۇرۇھى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى تەدبىر قوللىنىپ خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىقتىسادى تەھدىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.

You May Like