شى جىنپىڭ كېسەك دۆلەتلەر ئېتتپاقىنى كېڭەيتشنى تەشەببۇس قىلدى،ئامېرىكىغا قارشى ئەزا دۆلەتلەر كۆپيشى مۇمكىن

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 23-ئاۋغۇست

نيويورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،ختتاي دۆلەت رەئىسى ۋە ختتاي كومپارتىيسى باش سېكىرتارى شى جىن پىڭ ئامېرىكا ۋە غەرپنىڭ دۇنيا ئېقتسادى ۋە سياسى بېخەتەرلىكى جەھەتتىكى كۈچلۈك تەسرىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان كېسەك دۆلەتلەر ئېتتپاقىنى كېڭەيتىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە بۇ ئېتتپاققا قوشۇلۇش ئېھتىمالى بولغان دۆلەتلەردىن ھىندونوزىيە، سەئۇدى ئەرەبستان،ئارگىنتىنا قاتارلىقلار بولۇپ، ئىرانمۇ قوشۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان.ئەمما ھىندستان ختايغا يېقىن دۆلەتلەرنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كىتىشنى خالىمايدىكەن.

جەنۇبى ئافرىقىدا بىرىكىس دۆلەتلىرى (نۆۋەتتە،بىرازىلىيە، ھىندستان،ختاي، روسيە ۋە جەنۇبى ئافرىقا )جەنۇبى ئافرىقىدا ئېقتساد ۋە بېخەتەرلىك ساھەسىدە يېغىن ئۈچۈن ئۇچرشىدىغان بولۇپ، بۇ يېغىنغا روسيە دىكتاتۇرى پۇتىن قاتناشمىغان، ختاي جاللاي شى جىن پىڭ جەنۇبى ئافرىقىغا بارغان بولسمۇ، ئەمما تۇنجى مەيدان چوڭ يېغىنغا قاتناشمىغانلىقى كۈچلۈك تەسر قوزغىدى.

مەزكۇر ئېتتپاق ئامېرىكا ۋە غەرپ باشچىلىقىدىكى گ-7 دۆلەت بىرلىكىگە قارشى بىرلېكسەپ شەكىللەندۈرىدىغان ئېتتپاق دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھىدىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسۋىتى ياخشى.

گەرچە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر ئېتتپاققا قوشۇلۇش مەقسدى ئوخشمىسمۇ،ئەمما ختاينىڭ مەزكۇر ئېتتپاق ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ تەسر كۈچىنى چەكلىمەكچى بولغانلىقى  ئاشكارا مەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى.

ئامېرىكا دوللىرى ئورنىغا بىرلىككە كەلگەن يېڭى پۇل بىرلىكى كەلتۈرۈشمۇ مۇھىم تېمىلارنىڭ دەپ قارالماقتا

«بىرىكىس» ئاتالغۇسىنى 2001-يىلى ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغچىلىك بانكىسى گولد مان ساكىس ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، گولد مان ساكىس بۇ ئېتتپاقنىڭ 2050-يىلى دۇنيا ئېقتسادىنى كوللىكتىپ ھالدا مونوپۇل قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئاياللار بالىياتقۇسى بىلەن تۇخۇمداننى قانداق ئاسرىشى كېرەك

پە ئاۋغۇست 24 , 2023
تۇخۇمدان، ئاياللارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى؛ بالىياتقۇ بولسا ھامىيلىنى يىتىلدۈرىدىغان ئاساسلىق ئورۇن. تۇخۇمدان بىلەن بالىياتقۇ ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆپىيىش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىز ئادەتتە بۇ ئىككى ئەزانى ياخشى ئاسراپ، ئۆزىمىزنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ياخشى ئاسرىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا، ئاياللار ئادەتتە تۇخۇمدان بىلەن بالىياتقۇنى قانداق ئاسراش كېرەك؟ تۆۋەندە كۆپچىلىككە بەزىبىر ئائىلىۋى ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. […]
ئاياللار بالىياتقۇسى بىلەن تۇخۇمداننى قانداق ئاسرىشى كېرەك

You May Like