‎ئامېرىكا  خىتاينىڭ 13كارخانىسى ۋە بىرقىسىم شەخىسلەرنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

‎2019-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا ھۈكۈمىتى خىتاينىڭ 13كارخانىسى ۋە بىر قىسىم شەخىسلەرگە چەكلەش ئېلىپ باردىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى 

كوررېكتور: مەنزىل

2019-5-24

 

‎2019-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا ھۈكۈمىتى خىتاينىڭ 13كارخانىسى ۋە بىر قىسىم شەخىسلەرگە چەكلەش ئېلىپ باردىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

‎5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا خەلىقئارا بىخەتەرلىك ئىدارىسى خىتاينىڭ 10كارخانا ۋە ئۈچ شەخىسكە چەكلەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ھۈكۈمەت تارمىقىدىكى ھەرقانداق ئورگاننىڭ بۇ كارخانا ۋە شەخىسلەر بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى مۇلازىمەت، مەھسۇلات ۋە تېخنىكا تۈرلىرى بويىچە توختاملاشماسلىقىنى، ئۇلارغا ھىچقانداق ياردەم قىلماسلىقىنى ۋە ئىجازەتنامە بېرىشنى توختىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.

بۇنىڭغا قارىتا خىتاي تىجارەت مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گاۋ فېڭ پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن ئىنكاس بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئالغان تەدبىرلىرىگە ئاللىبۇرۇن دىققەت قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قارىشى قاتتىق ئىنكاس بىلىدۈرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئۆزبېشىمچىلىق بولغان ھەركىتىگە ئەڭ ياخشى جاۋاب جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش، جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى داۋاملىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرپ، ئىشىكنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىۋېتىپ كارخانا ئۈچۈن تېخىمۇ مۇقىم، ئادىل، قولاي ۋە كونتورول قىلغىلى بولىدىغان تىجارەت مۇھىتى يارىتىشتۇر.

نۇرغۇنلىغان باشقا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارمۇ ئارقا -ئارقىدىن ئامېرىكىنىڭ چەكلەش ھەركىتىگە ئاۋاز قوشتى . پېڭ بو ئاگېنىتلىقى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ياپونىيە سوفىت بانك (SoftBank) گورۇھى ئاستىدىكى ئەنگىلىيە ئېلىكتىر يولى لاھىيلىگۈچى ARMباياناتچىسى مەزكۇر شىركەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يىڭى چەكلەش بۇيرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن خۇاۋېي بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېردىغانلىقىنى، ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئەنگىلىيە ۋە ياپونىيەنىڭ ئەڭ ئاز دىگەندە تۆت تېلېگراف شىركىتى خۇاۋېينىڭ يىڭى تېلفۇنىنى سېتىشنى كېچىكتۈرىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

تەيۋەندىمۇ جۇڭخۇا تېلېگرافى قاتارلىق بەش تېلېگراف شىركىتى خۇاۋېينىڭ يىڭى تېلېفۇنلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈيجوۋ ئۇنۋېرسىىتېتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئۇقۇتقۇچىسى سوڭ ئەپەندىم پەيشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئ‍و ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىدە خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغرىلاپ نامۇۋاپىق يوللار بىلەن تەرەققى قىلىشىنى خىتاي مەدىنىيىتىگە باغلاپ ئەيىپلىدى، شۇنداقلا بۇ قىلمىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ سەلبى ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جېجىياڭ شىياۋشىڭلىق بىر يازغۇچى زىيارەتتە خىتاي بازىرىنىڭ كەلگۈسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي چۇقۇم ھازىرقى ئىقتىساد سېستىمىسىغا خاتىمە بېرىپ بازارنى ھەقىقىي ئېچىۋېتىش بىلەن بىرگە خەلىقنىڭ ھۇقۇقىنى پۈتۈنلەي خەلىققە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىقلا چىقىش يولى تاپالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

شەرقى تۈركىستان مىللي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تومتۈرۈك ئەپەندى بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۈرۈشتى.

جۈ ماي 24 , 2019
5-ئاينىڭ 24- چىسلا بۈگۈن شەرقى تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تومتۈرۈك ئەپەندىم تۈركىيە سابىق باش مىنىستىرى، ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر باشلىقى جۇمھۇر ئىتىپاقى نامزاتى ھۆرمەتلىك بىنالى يىلدىرىم ئەپەندىم بىلەن كۈرۈشتى.

You May Like