تارىخى ۋەقە: گىرمانىيە پارلامىنتىدا «پارلامىنت ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

5-سىنتەبىر،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

بىرلىن-گىرمانىيە پارلامنىتىدا ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بىرى ئارزۇ قىلغان تارىخى بىر ھادىسە يۈز بەردى،«گىرمانىيە پارلامىنتى-بۇندستاگدا، ئۇيغۇر دوسلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى.

مەزكۇر دوسلۇق گۇرۇپپىسى-ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە دائىر مەسللەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغان، يېڭى ۋە ئەھمىيەتلىك لايىھەلەر ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان گۇرۇپپا بولۇپ، تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەزكۇر دوسلۇق گۇرۇپپىسى-ئۇيغۇر مەدەنيتىنى قۇتلۇقلاش بىلەن باشلانغان بولۇپ، پارلامىنىت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر دىئاسفورا ئەزالىرى قاتناشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دىگەن:

«گىرمانىيە بۇندستاگ (گىرمانىيە فىدرال پارلامنىتى)دا پارلامنىت ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى-ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە سموۋللۇق رولغا ئىگە.1990-يىللاردىن بىرى، كۈنسايىن ئ‍شۋاتقان ختاينىڭ باسقۇنچى سياسەتلىرىدىن قاچقان ئۇيغۇرلار گىرمانيەنى ئۆزىنىڭ يېڭى يۇرتى قىلدى.بۈگۈن گىرمانييە ئۇيغۇر دىئاسفوراسدىكى مەركەزلىك جايلارنىڭ بىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يتەكچى تەشكىلاتى-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ جايلاشقان دۆلىتىدۇر.»

پارلامىنىت ئەزاسى پېتىر ھەيدىت (Peter Heidt. )مۇنداق دىگەن:بىز شنجاڭدىكى كىشلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك بارلىق ئ‍شلارنى قىلىشمىز كىرەك.»

پارلامىنت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن باشلىق دەريا تۈرك ناچبائۇر (Derya Türk-Nachbaur )مۇنداق دىگەن: ئۇيغۇر ئاز سانلىقلىرىغا قىلىنغان ئادالەتسزلىككە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان مەزكۇر دوسلۇق گۇرۇپپىسغا ئەزا بولغۇچى پارلامىنىت ئەزالىرى :

 Peter Heidt (FDP), and the Vice Chairs MP Derya Türk-Nachbaur (SPD), MP Boris Mijatović (The Greens), MP Michael Brand (CDU/CSU), represented by MP Norbert Altenkamp (CDU/CSU), and MP Ulrich Lechte (FDP)

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

«يەھۇدى دۇنياسىغا نەزەر» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك سانلىق مەلۇماتى»تەكشۈرۈش قورالى

چا سېنتەبىر 6 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى يەھۇدى دۇنياسىغا نەزەر تەشكىلاتى ( Jewish World Watch)-تۈرلۈك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن ئامان قالغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋە بارلىق دىن ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشلەر بىلەن بىرلىكتە ئىرقى قىيىنچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يەھۇدى تەشكىلاتى.مەزكۇر تەشكىلات ئۇزۇندىن بىرى،ئۆزىنىڭ زور چاقىرىق ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر قىيىنچىلىقىنى يەھۇدى جەمئىيەتلىرىگە بىلدۈرۈش، ھېمايىچىلىق قىلىش، ئۇيغۇر […]

You May Like