ئاياللار بالىياتقۇسى بىلەن تۇخۇمداننى قانداق ئاسرىشى كېرەك

تۇخۇمدان، ئاياللارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى؛ بالىياتقۇ بولسا ھامىيلىنى يىتىلدۈرىدىغان ئاساسلىق ئورۇن. تۇخۇمدان بىلەن بالىياتقۇ ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆپىيىش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىز ئادەتتە بۇ ئىككى ئەزانى ياخشى ئاسراپ، ئۆزىمىزنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ياخشى ئاسرىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا، ئاياللار ئادەتتە تۇخۇمدان بىلەن بالىياتقۇنى قانداق ئاسراش كېرەك؟ تۆۋەندە كۆپچىلىككە بەزىبىر ئائىلىۋى ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەر

  يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئاياللارنىڭ بەدىنىگە كۆپ پايدىسى بار بولۇپ، تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇسىغا قارىتا قوغداش ۋە ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا، راك، تۇخۇم، كالا سۈتى، لامنارىيە، دۇفۇ قاتارلىق يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

  پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

  ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇخۇمدانىنى ئاسرايمەن ھەمدە بالىياتقۇنى ياخشىلايمەن دېسە، ئادەتتە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بىرىشى كېرەك؛ چۈنكى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاقسىل تەركىبى. بارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئارىسىدا، قارا پۇرچاقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى، ھەمدە قارا پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئاياللىق ھورمۇنى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە قارا پۇرچاقنى پۇرچاق سۈتىگە ئايلاندۇرۇپ ئىستېمال قىلساق ياكى قاينىتىپ پۇرچاق شورپىسى قىلىپ ئىچسەك، ئاياللاردا ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانى بىلەن بالىياتقۇسىغا قارىتا ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.

ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E تەركىبى مول يېمەكلىكلەر

  ئاياللار ئادەتتە، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، ۋىتامىن C ۋە E، كاروتىن قاتارلىق ماددىلار، قېرىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ماددىلار بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار يەنە تۇخۇمدان ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، تۇخۇمداننىڭ ئاياللىق ھورمۇنى، تۇغۇت ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئىچكى ئاجرالمىلار ئىقتىدارىنى تەڭشەپ، تۇخۇمدان بىلەن بالىياتقۇغا قارىتا ئاسراش ۋە ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەردىن، كۆممىقوناق، كاۋا، پەمىدۇر، سەۋزە، ئۈزۈم، گىلاس، مايمۇن شاپتۇلى، چىلان، سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق، قىزىل پۇرچاق قاتارلىقلار بار.

موگۇ قاتارلىق زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

  موگو ۋە باشقا زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاياللارنىڭ بەدىنىگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن زور؛ موگو تەركىبىدە تالا ماددىسى مول بولۇپ، تالا ماددىسى ئادەمنىڭ ئۈچەي يوللىرىنى قىمىرلىشىنى كۈچەيتىپ، بەدەندىكى خولستىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ.

  فولىن كىسلاتاسى تولۇقلاش

  فولىن كىسلاتاسى، سۇدا ئىرىشچان B ئائىلىسىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ بىر خىلى بولۇپ، يېشىل كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدە نىسبەتەن مول كېلىدۇ. دائىم فولىن كىسلاتاسى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئاياللاردا تۇخۇمدان راكى كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئائىلىدە ساڭزا تەييارلاش ئۇسۇلى

پە ئاۋغۇست 24 , 2023
خام ماتىرياللار:   تۆت چىنە ئاق ئۇن، 5 جىڭ سۇ ماي، سۇ خۇرۇچلار:تۇز،ياغ،كۈنجۇت تەييارلاش ئۇسۇلى    1. ئالدى بىلەن  پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ تەمى چىققۇچە قاينىتىپ،  ئاخىرىدا سۈزۈلدۈرۈپ سوۋۇتىمىز، بىر چىنە سۇ ماينى قىزىتىپ چۈچۈتۈپ ئۇنىمۇ سوۋۇتىمىز.    2. ئاق ئۇنغا تېتىغۇدەك تۇز سېلىپ ۋە سوۋۇتۇلغان سۇ ماينى قۇيۇپ (تۆت […]

You May Like