ۋاڭ يى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يېغنىدىكى ئالتە تەكلىۋى

ۋاڭ يى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يېغنىدىكى ئالتە تەكلىۋى

 
 ختتاينىڭ خەلق تورى خەۋەر قىلىشىچە ،ختتاي دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 24-ئاپرىل بېيجىڭ شەھىرىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭەش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ھىندىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.كۆزەتكۇچىلەرنىڭ بىلدۇرۇشىچە،ختتاي ئوتتۇرا ئاسيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنى قوللاش نسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۇلارغا زەربە بىرىش ئۇچۇن،پۇتۇن كۇچى بىلەن مەبلەغ سىلىش ئارقىلىق تەسر كۆرسىتىش ۋە تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا زەربە بىرىش سالمىقىنى كۇچەيتمەكتە.
ۋاڭ يى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
ۋاڭ يى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
  ختتاي منستىرى ۋاڭ يى يېڭى ۋەزىيەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە ئالتە تۈرلۈك تەكلىپ بەردى. 1. «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، راھەت-پاراغەتتىمۇ، جاپا-مۇشەققەتتىمۇ بىللە بولىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. 2. بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۈچلەرگە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ زەربە بېرىپ تۈزەپ، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئىشەنچلىك كاپالەت بولۇشى لازىم. 3. ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھەمكارلىقى تەشەببۇسى بىلەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنىڭ جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم سۇپىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. 4. يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەر كەسپىنى ماسلاشتۇرۇش، بازارنى باغلاش، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور قەدەم تاشلاپ، ھەمكارلىق سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 5. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىش ۋە دوستلۇق جەھەتتىكى ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. 6. ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، خەلقئارا تەسىرىنى كېڭەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورتاق قۇرۇش لازىم. ختتاي خەلق تورى ،<<يىغىنغا قاتناشقان باشقا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى جۇڭگونىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا يۈكسەك باھا بەردى ۋە جۇڭگو بىلەن ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى>>دەپ ئىلان قىلغان.ئەمما كۆزەتكۇچىلەرنىڭ بىلدۇرۇشىچە،خىتتاي ھىلىھەم ئەڭ دىپلوماتىك كىرزىسلاردا تۇرماقتا ئىكەن.بولۇپمۇ تاجىكستان زىمىنىنى مەجبۇرى پۇلغا ستىۋىلىشى،قازاقستان پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقى سەۋەبلىك،ختتايغا بولغان پۇقرالار ئارسى دۇشمەنلىك ئاشماقتا ئ‍ىكەن.
 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ختتاي مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف بىلەن كۆرۈشتى

چا ئاپرېل 25 , 2018
ختتاي مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف بىلەن كۆرۈشتى

You May Like