ئۇكرائىنا پىرەزدىنتى زىلىنىۋىسكىنىڭ ئۇرۇش نۇتۇقى (تولۇق تېكستى)

ئىزاھات: دۇنيا بىر تارىخى ئۆزگىرىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاي باشچىلىقىدىكى دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى بولغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى -21-ئەسىردىكى سىياسىي سەھنىنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇكرائىنا ئۇرۇشنى تىز سۈرئەتتە خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسى ھەققىدە بىۋاسىتە ۋە توغرا ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر تارىخى نۇتۇقنى ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، خەلقىمىز ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەقسىز تەرجىمە قىلىپ سۇندۇق. ئىبرەت ۋە تەدبىر ئىلىش بىزدىن.

 ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زىلىنىۋىسكىنىڭ ئۇرۇش نۇتقى (تولۇق تېكىستى)

 

رۇس تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

24-فېۋرال

 

ئىزاھات: دۇنيا بىر تارىخى ئۆزگىرىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاي باشچىلىقىدىكى دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى بولغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى -21-ئەسىردىكى سىياسىي سەھنىنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇكرائىنا ئۇرۇشنى تىز سۈرئەتتە خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسى ھەققىدە بىۋاسىتە ۋە توغرا ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر تارىخى نۇتۇقنى  ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، خەلقىمىز ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەقسىز تەرجىمە قىلىپ سۇندۇق. ئىبرەت ۋە تەدبىر ئىلىش بىزدىن.

 

ۋاقتى:24-فېۋرال،كىيېۋ، كەچ سائەت 1:00

 

ۋەتىنىمنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى، بىزنىڭ قوغدىغۇچىلىرىمىز، سىلەر بىزنى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەندىن باتۇرلۇق بىلەن قوغداۋاتسلەر.

بۈگۈن رۇسىيە- دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق تېررىتورىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى. بۈگۈن بىزنىڭ جەڭچىلىرىمىز كۆپ پىداكارلىقلارنى بەردى. بىز بىۋاسىتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تېررىتورىيەلىرىمىزنىڭ دېگۈدەك ھەممە قىسمىنى قوغداپ قالدۇق. جەڭچىلىرىمىز دۈشمەننى ئىگىلىۋالغان جايلاردىن قوغلاپ چىقاردى. مەسىلەن پايتەخت كيېۋنىڭ يېنىدىكى كوستومىلنى قايتۇرىۋالدۇق. بۇ پايتەختكە تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ بېرىدۇ.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىز بەختكە قارشى 137 قەھرىمان پۇقرالىرىمىزنىڭ ھاياتىنى قۇربانلىق بەردۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئونلىغان ئەسكەرلىرىمىز بار، يەنە 316 پۇقرالىرىمىز يارىلاندى.

زېمىنى ئارىلىمىزدىكى چېگرا جەڭچىلىرىمىز ۋەتەن تۇپرىقىنى ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە قوغداپ ھەممىسى شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى. ئەمما ئۇلار  ھەرگىز باش ئەگمىدى.

ئۇلار ئىككى دۇنيادا ئۇكرائىنا قەھرىمانلىرى ئۇنۋانىغا لايىق.

ھاياتىنى ئۇكرائىنا خەلقىگە بېغىشلىغان شۇ كىشىلەرنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.

مەن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ۋە دۆلىتىمىزدە مۇقىملىق ساقلاش ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن.

دۈشمەن كۈچلىرى ئۆزلىرى دېگەندەك پەقەت ھەربىي ئەسلىھەلەرگىلا ھۇجۇم قىلمىدى، بىراق پۇقرالارغىمۇ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، تىنچ شەھەرنى ئۇرۇش نىشانىغا ئايلاندۇرماقتا. بۇ بىر رەزىللىك، بۇنى ھەرگىز ئەپۇ قىلىشقا بولمايدۇ.

مەن ھازىر ئۇلارنىڭ نۇرغۇن يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن، مەسىلەن، ئۇلار مېنى كېيۋدىن ئايرىلدى دېيىشمەكتە. مەن پايتەختتە تۇرىمەن، خەلقىم بىلەن تۇرىمەن، مەن بۈگۈن نۇرغۇن خەلقئارالىق دىئالوگلارنى ئىلىپ باردىم، دۆلەتكە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلدىم. مەن داۋاملىق پايتەختتە قالىمەن. مىنىڭ ئائىلەممۇ ئۇكرائىنادا قالىدۇ. مىنىڭ بالىلىرىممۇ ئۇكرائىنادا، مىنىڭ ئائىلەم خائىن ئەمەس، بەلكى ئۇكرائىنا پۇقرالىرىدۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنى دېيىشىمگە بولمايدۇ.

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، رۇسىيە مېنى بىرىنچى نومۇرلۇق نىشان قىلغان. مىنىڭ ئائىلەم ئىككىنچى نومۇرلۇق نىشان. ئۇلار ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت رەھبىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇكرائىنانى سىياسىي جەھەتتە ۋەيران قىلماقچى.

دۈشمەننىڭ پايتەخت كىيۋغا كىرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار، بۇ سەۋەب مەن كىيېۋ خەلقىنىڭ ئېھتىيات قىلىشنى، جىددىي ھالەت قانۇنىغا رىئايە قىلىشنى سورايمەن. مەن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە كېرەكلىك بارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.

ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن قانچە قېتىم سۆھبەتلەشكىنىمدىن قەتئىينەزەر، ئۇلاردىن بىر نەچچە نەرسىنى ئاڭلىدىم: بىرىنچى:بىزنى قوللايدىغانلار بار، مەن ئۇكرائىنانى پەقەت ئېغىزدىلا ئەمەس ئەمەلىي قوللىغان كىشىلەر ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. بىراق ئىككىنچى نۇقتا شۇكى، بىز دۆلىتىمىزنى قوغداشقا ئۆزىمىز يالغۇز قالدۇق، بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدىغان كىم بار؟ راست گەپنى دېسەم، ھېچكىمنى كۆرمىدىم، بىزنىڭ ناتوغا كىرىشىمىزگە كىپىل بولىدىغان كىم بار؟ راست گەپنى دېسەم، ھەممىسى بىزنى ناتوغا قوشۇپ، رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن قورقتى.

بۈگۈن بىز رۇسىيەنىڭ سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئۇلار ئۇكرائىنانىڭ بىتەرەپ ھالىتى ھەققىدە سۆزلىشىشنى خالايدىكەن.

مەن دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق ھەمراھلىرىغا شۇنى دېدىم: بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر تارىخى ۋاقىت. دۆلىتىمىزنىڭ تەقدىرى بەلگىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. سىلەردىن سوراي: سىلەر بىز بىلەن بىللە تۇرامسىلەر؟ ئۇلار بىللە تۇرىمىز دەيدۇ. ئەمما بىزنى ناتو ئىتتىپاقىغا ئىلىشنى خالىمايدۇ. مەن بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 27 رەھبىرىدىن بىزنى ناتوغا ئالامسىلەر دەپ سورىدىم. بىۋاسىتە سورىدىم، ھەممىسى قورقتى، ھېچقايسىسى جاۋاب بېرەلمىدى.

بىز ھېچنېمىدىن قورقمايمىز، بىز دۆلىتىمىزنى مۇداپىئە قىلىشتىن قورقمايمىز. بىز رۇسىيەدىن قورقمايمىز، بىز رۇسىيەگە گەپ قىلىشتىن قورقمايمىز، ھەر قانداق تېما ھەققىدە سۆزلىشىشتىن قورقمايمىز، دۆلىتىمىزگە بىخەتەرلىك كاپالىتى ھەققىدە سۆزلىشىشتىن قورقمايمىز، بىز بىتەرەپلىك ھالەت ھەققىدە سۆزلىشىشتىن قورقمايمىز. بىز ھازىر ناتو ئەزاسى ئەمەس، بىزگە مۇھىمى، بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنىڭ كاپالىتى نېمە؟ ئۇنى بىزگە قايسى دۆلەت بېرىدۇ؟

بىز بۇ تاجاۋۇزچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆزلىشىشنى خالايمىز. بىز ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە سۆزلىشىشنى خالايمىز. بىراق ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تەقدىرى پۈتۈنلەي بىزنىڭ ئارمىيەمىزگە، قەھرىمانلىرىمىزغا، بىخەتەرلىك كۈچلىرىمىزگە ۋە مۇھاپىزەتچىلىرىمىزگە باغلىق.

بارلىق خەلقىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، دۆلىتىمىزنىڭ قوللايدىغان بارلىق دوستلارنىڭ قوللىشىغا باغلىق.

 

نۇتۇق ئەسلى تېكىست مەنبەسى:

 

https://apostrophe.ua/news/politics/2022-02-25/myi-nichego-ne-boimsya-no-nujno-razgovarivat-o-prekraschenii-ognya-polnyiy-tekst-obrascheniya-zelenskogo/260434

 

 

 

 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

664 نەپەر رۇسىيە ئاكادېمىك خادىملىرى ۋە مۇخبىرلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرغان

شە فېۋرال 26 , 2022
664 نەپەر رۇسىيە ئاكادېمىك خادىملىرى ۋە مۇخبىرلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرغان

You May Like