تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

26-ئاپرېل خىتاي سودا سانائەت بانكىسى باش لىدىرى گاۋ شىياڭ ياڭ ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىلدا خىتاي ۋە تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ،«ھازىر تۈركىيەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەبلەغنىڭ ئىككى ھەسسە كۆپىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-4-26

 

26-ئاپرېل خىتاي سودا سانائەت بانكىسى باش لىدىرى گاۋ شىياڭ ياڭ ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىلدا خىتاي ۋە تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى  بايان قىلىپ ،«ھازىر تۈركىيەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەبلەغنىڭ ئىككى ھەسسە كۆپىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى . بۇ قېتىملىق25 – ئاپرېلدىن 27-ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلدىغان «بىر بەلۋاغ بىر يول » مۇزاكىرە يىغىنغا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى تايىپ ئەردوغان قاتناشمىغان بولۇپ ،قاتناش مىنىسترى چاخىت تۇرخاننى ئەۋەتكەن .ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشماسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليون خەلىقنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا بولغان نارازىلىقنى بىلدۈرۈش دېيىلمەكتە .

23-ئاپرېل تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى بېيجىڭ ،شاڭخەي، گۇاڭجۇ ،شېنجىن ،چىڭداۋ قاتارلىق بەش چوڭ شەھەردە ئۆتكۈزگەن ،تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىپ تۈركىيە ۋەتەنداشلىق ئېلىش ھەققدە ئېلىپ بارغان تەشۋىقات پائالىيىتى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، قاتناشقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ باش ئايغى ئۈزۈلمىگەن .ئىگىلىنىشچە تۈركىيەنىڭ بۇ مەبلەغ يولى بىلەن ۋەتەنداشلىق بىرىش پائالىيىتى 2019يىلدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغان. مەبلەغ سوممىسى پەقەت 250مىڭ دوللارلىق ئۆي مۈلۈك سېتىۋېلىش ياكى 500مىڭ دوللار بانكىغا پۇل ياتقۇزۇش بولۇپ ،پۈتۈن ئائىلە بويىنچە تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىگە بولالايدىكەن .

 

مەنبە:

http://m.haber7.com/ekonomi/haber/2855281-cin-ve-turkiye-iliskileri-guclenerek-devam-edecek https://edu.sina.cn/a/lxcg/2019-04-24/detail-ihvhiewr7944772.d.html?from=wap

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكا ئورىگون شتاتى پورتلاند شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ئەھۋالى ئاڭلىتىلماقتا

شە ئاپرېل 27 , 2019
26 – ئاپرىل، تاھىر ئىمىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنىمۇ قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئورىگون شتاتىدىكى پائالىيەتلىرى يەنە ئسلام مائارىپ مەركىزىدە لېكسىيە سۆزلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يەرلىك مۇتەخەسىسلەر، مۇسۇلمان ئالىملار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنىدۇ.

You May Like