56 دۆلەت ختايغا بىر يىرىم تېرىلىيون دوللار قەرز، قەرز ۋاقتى قېستىماقتا

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە قانال تەييارلىدى،

7-نويابىر

ئامېرىكا سىملىق تېلىۋزىيەسى خەۋىرى، ۋېرجىنىيە ۋىليام ۋە ماررى ئېنۇستىتۇتىنىڭ «ياردەم مەلۇماتى»(Aid Data)گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ ئىلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ختاي ھۆكۈمىتى تەرەققى قىلىۋاتقان نەچچە ئونلىغان دۆلەتكە 1 تىرىلىيوندىن بىر يىرىم تىرىلىيون دوللارغىچە قەرز بەرگەن.

بۇ قەرزلەرنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ختاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول »قۇرۇلۇشى باشلانغان 2013-يىلدىن باشلانغان. قەرزنىڭ كۆپلىرىنىڭ ۋاقتى 5 يىلدىن 8 يىلغىچە بولۇپ، ۋاقتى ھازىر 10دىن ئاشقان بولسمۇ، كۆپ قسم دۆلەتلەر قەرزنى قايتۇرالمىغان.

بۇ دۆلەتلەر لاتىن ئامېرىكىسى، شەرقى جەنۇبى ئاسيا، ئافرىقا قاتارلىق قېتئەلەردىكى دۆلەتلەرنىڭ يول مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، ئايرۇپورت، ئېلىكتىر ئ‍ستانسىسى قاتارلىق تۈرلەرگە ئ‍شلىتىلگەن.

ئەمما بۇ دۆلەتلەر ئالغان قەرزنى ۋاقتى توشسمۇ قايتۇرالمىغان،

2020-يىلى يىل ئاخىرىدا، ختايدىن تارقالغان كورۇنا ۋېرۇسى دۇنيا ئېقتسادىنى ئىغىر چېكىندۈرگەن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇشى تېخىمۇن قىينلاشقان.

نەتىجىدە ختاي بۇ قەرز ئورنىغا ئۇلارنىڭ تۈرلىرىنى، يەرلىرىنى ئۆتكۈزىۋالغان، بەزى ئەھۋاللاردا تېخىمۇ كۆپ قەرز بىرىپ، ئ‍ۇلارنى مەڭگۈ تۆلىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

ختايغا قەرز بولغان دۆلەتلەر-ختايغا قەرز تۆلەش بۇرچىدىن باشقا، خەلقئارا سەھنىلەردە ختاي سزغان سېزىق بويىچە مېڭىشىقا مەجبۇرلانغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

56 دۆلەت ختايغا بىر يىرىم تېرىلىيون دوللار قەرز، قەرز ۋاقتى قېستىماقتا

سە نويابىر 7 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە قانال تەييارلىدى، 7-نويابىر ئامېرىكا سىملىق تېلىۋزىيەسى خەۋىرى، ۋېرجىنىيە ۋىليام ۋە ماررى ئېنۇستىتۇتىنىڭ «ياردەم مەلۇماتى»(Aid Data)گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ ئىلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ختاي ھۆكۈمىتى تەرەققى قىلىۋاتقان نەچچە ئونلىغان دۆلەتكە 1 تىرىلىيوندىن بىر يىرىم تىرىلىيون دوللارغىچە قەرز بەرگەن. بۇ قەرزلەرنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ختاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول »قۇرۇلۇشى باشلانغان 2013-يىلدىن […]
56 دۆلەت

You May Like