خىتاي باياناتچىسى خۇا چۇن يىڭ ئاشكارا ھالدا تالىباننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي باياناتچىسى خۇا چۇن يىڭ ئاشكارا ھالدا تالىباننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئارمان

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 19-ئاۋغۇست

 

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈن يىڭ 19- ئاۋغۇست خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى مۇنازىرىلىرىگە پىسەنت قىلماستىن، خىتاينىڭ ئاشكارا ھالدا تالىباننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ : » گەرچە ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى تېخى ئېنىق بولمىغان بولسىمۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزچە تالىبانلار تارىختىكى خاتالىقلىرىنى قايتا سادىر قىلمايدۇ، بۈگۈنكى تالىبانلار ئالدىنقى قېتىمدىكى ھوقۇق تۇتقان زامانىغا قارىغاندا تېخىمۇ سەگەك ۋە ئەقىللىق، بىز ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇلارنى ئەمەلىيىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە قوللايمىز. بىز بەزىلەرنىڭ تالىبانلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان ئىش يوق، بىز كەڭ كۆلەملىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق مەسىلىنى تونۇش ۋە ئەقەللىي بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، مەسىلىلەرنىڭ بۇرۇن قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى كۆزەتكەن ۋاقتىمىزدا ھازىر قانداقىقىغىمۇ دىققەت قىلىمىز. گەپ- سۆزلەرنىڭ قانداقلىقىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرىنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىشىمىز كېرەك. دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ماسلىشىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولماي كونا تەپەككۇر بويىچە جاھىللىق قىلىپ تەرەققىياتقا كۆز يۇمساق «كېمىگە بەلگە قويۇپ خەنجەر ئىزدىگەنگە» ئوخشاش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان يەكۈنگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.» دېدى.

Uyghur Reporter

Next Post

مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنى كۈچلەندۈرۈش ـ بىزنىڭ چىقىش يولىمىز

پە ئاۋغۇست 19 , 2021
مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنى كۈچلەندۈرۈش ـ بىزنىڭ چىقىش يولىمىز

You May Like