پارتىلاتقۇچ: ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى ئۇيغۇر لايىھەسنى 8-قېتىم رەت قىلدى.ئاق پارتىيە: غەرپنىڭ ئويۇنىغا چۈشمەڭلار !

ئۇيغۇر يۈرەك، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

(ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەڭگۈ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيمىز)

پارتىلاتقۇچ: ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى پارلامىنتتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تەكشۈرۈش لايىھەسنى 8-قېتىم رەت قىلدى.ئاق پارتىيە: غەرپنىڭ ئويۇنىغا چۈشمەڭلار !

 

 

ئۇيغۇر يۈرەك، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

(ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەڭگۈ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيمىز)

 

تۈركىيە دۆلەت مەتبۇئ‍اتى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تور بېكىتى،سۆزچى، قارار گېزىتى، دىققەت گېزىتى  قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 19-يانۋار كۈنى تۈركىيەدە ھاكېمىيەت بېشىدىكى ئەردوغاننىڭ پارتىيسى بولغان ئادالەت ۋە تەرەقىيات پارتىيسى ۋە ئۇنىڭ ئېتتپاقدىشى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى بۈگۈن 8 –قېتىم ئيېى پارتىيە ۋە كۇردلەرنىڭ خەلقلەرنىڭ دىموكراتىيە پارتىيسى ئوتتۇرىغا قويغان شەرقى تۈركستاندا ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش لايىھەسنى رەت قىلدى.تاراتقۇلارنىڭ دىېشچە، بۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تارىخىدا ئ‍ۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇشتا يارىتىلغان تارىخى رىكورت بولۇپلا قالماي، بەلكى ھەر قانداق قانۇن لايىھەسنى رەت قىلىشتىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان دەرىجىدىكى كۈچلۈك قارشى تۇرۇش ھسابلىنىدىكەن.

ئېيى پارتىيە سۆزچىسى مۇنداق دىگەن:

«ئۇزۇندىن بۇيان ، ھۆكۈمەت سۈكۈت قىلىپ ، قىرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكگە كۆز يۇمدى. ئۇيغۇرلار ۋە ختتاي زېمىنىدا ياشايدىغان باشقا تۈرك ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئۆز كىملىكى بويىچە ياشاش تەلەپلىرىنى تېرورلۇق بىلەن باغلايدىغان پەسكەش ختتاي ھاكىمىيىتى ھەر بىر تۇغقانلىرىمىزنى يوشۇرۇن «تېرورچى» ، ھەر قانداق كىملىك ئىپادە قىلشنى «توپىلاڭ» دەپ تەسۋىرلىدى ، ئۇلارنىڭ ئ‍وخشمىغان پىكىرلىرى ۋە  زۇلۇمغا قارشى نارازىلىقى ۋە ھوقۇق تەلىۋىنى  «تېرورلۇق» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يۇرتداشلىرىمىز  ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىز ۋە پاكىتلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى بىزنى ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ھىيلىسىگە چۈشۈپ قالدى دەپ ئەيىبلىدى ».

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئەركىن تۇنياز مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەسمىي رەئىسى بولۇپ تەيىنلەندى

جۈ يانۋار 20 , 2023
ئەركىن تۇنياز مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەسمىي رەئىسى بولۇپ تەيىنلەندى

You May Like