تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر چىقىرىشى ئىراق- كۈۋەيت ئۇرۇشىنىڭ تەكرارلىنىشىمۇ؟

سالام كۆپچىلىك، بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز تېمىدا ئېيتىلغاندەك مەزمۇندا بولۇپ، بىز تېخى يېڭى ئېرىشكەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئامېرىكىدا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشىگە قارىتا باشقىچە بىر ئۆزگىرىش بولغاندەك تۇرىدۇ.

 

ئانالىزچى : ماجۈ

تەرجىمىدە: چوغلۇق

2019-10-13

 

سالام كۆپچىلىك، بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز تېمىدا ئېيتىلغاندەك مەزمۇندا بولۇپ، بىز تېخى يېڭى ئېرىشكەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئامېرىكىدا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشىگە قارىتا باشقىچە بىر ئۆزگىرىش بولغاندەك تۇرىدۇ. گەرچە تۈركىيە پرېزدېنتى ئەردوغاننىڭ پرېزدېنت ترامپقا بەرگەن ۋەدىسىدە تېنچلىققا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئېنىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ترامپمۇ بۇ ۋەدىنىڭ يالغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. بىراق ئەردوغان يەنىلا بۇ ئۇرۇشنى قوزغىدى، ترامپمۇ ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇشنى قوزغىشىغا يول قويدى. ئۇنداقتا بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ كەينىدە زادى قانداق بىر كېلىشىملەر بار؟ بۇنى بىز ئەلۋەتتە بىلمەيمىز. ئەمما مەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ئەردوغان چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. يەنى ئەينى يىلىدىكى سابىق ئىراق پرېزدېنتى سادام ھۈسەيىننىڭ قىسمىتىگە قېلىشى مۇمكىن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىراق كۈۋەيىتكە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاۋۋال سەككىز يىل داۋام قىلغان ئىران – ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان. شۇ مەزگىلدە ئامېرىكا ئىراققا ياردەم قىلغان بولسىمۇ، كېيىنكى كۈنلەردە ئىراققا نىسبەتەن بارا – بارا سەۋرى – تاقىتى تۈگەپ، ياردەم بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. چۈنكى سادامنىڭ مەقسىتى ئىراننى بويسۇندۇرۇشلا بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمدارىغا ئايلىنىش ئىكەنلىكى ئاشكارە بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئىراق بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستان، كۈۋەيتلەر ئارىسىدا تۈرلۈك سۈركۈلۈشلەر يۈز بەرگەن. 90-يىللاردا سادام ھۈسەيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانغانلىقىغا قاراپ، ئىران بىلەن ئالدىراپلا قىسمەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، بىر كېچىدىلا كۈۋەيىتكە ھۇجۇم قىلغان. سادام ھۈسەيىن ھەققىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، سادام ھۈسەيىن كۈۋەيىتكە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاۋۋال، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆز ئارا پىكىرلەشكەن ۋە كۈۋەيىتنىڭ تارىختىنلا ئىراق دۆلىتىنىڭ بىر ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئۆلكىنى ئىراق تېرىتورىيىسىگە كىرگۈزۈپ، ھەقىقىي ئىراق دۆلىتى قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار دەپ قارىغان.شۇنداقلا، كۈۋەيىت ئىراقنىڭ دېڭىز بوغۇزىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئىراقنىڭ كۆپلىگەن ئېكسپورت- ئىمپورت ۋە نېفىت ئېكسپورتىغا تۈرلۈك توسالغۇلارنى پەيدا قىلدى. شۇڭا بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئەينى چاغدا ئامېرىكا تەرەپ ئىراققا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ ئىراققا، <بۇ سىلەرنىڭ ئىچكى ئىشىڭلار بولغىنى ئۈچۈن بىز بۇ ئىشلارغا ئارلاشمايمىز. ئۆزۈڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار>دېگەن جاۋابنى بەرگەن. لېكىن سادام ھۈسەيىننىڭ تانكا ۋە ئەسكەرلىرى كۈۋەيتكە بۆسۈپ كىرگەندىن كېيىن بولسا، سەئۇدىي ئەرەبىستان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئىراقنى ئۆزىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان. بىز بىلگىنىمىزدەك، ئامېرىكا ئىراققا <قۇملۇق بورىنى >ناملىق ھەرىكەت قوزغاپ، ئىراقنىڭ كۈۋەيتتىكى ئەسكەرلىرىنى زامانىۋىي ئۇرۇش قوراللىرى بىلەن كۈكۈم – تالقان قىلىپ، سادامنى كۈۋەيىتتىن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. دەل شۇ سەۋەبلىك ئوتتۇرا شەرق، جۈملىدىم پۈتكۈل دۇنيادا ئامېرىكىغا باشقىچە قاراش شەكىللەنگەن. ئامېرىكىمۇ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىردىنبىر زامانىۋىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بىر چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى دەل مۇشۇ ھەرىكەت سەۋەبلىك دۇنياغا نامايەن قىلغان.

بۈگۈنكى ئەردوغاننىڭ سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئەينى يىللاردىكى سادامنىڭ كۈۋەيىتكە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ مەلۇم جەھەتتە ئوخشاشلىقى بار دېيىشكە بولىدۇ.چۈنكى تۈركىيە ئافرىن رايونىنى تۈركىيەنىڭ تەبىئىي تېرىتورىيىسىگە تەۋە زېمىن دەپ ئاتىدى. بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئافرىن بولسا تۈركىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ چېگراسىغا جايلاشقان. رايون بولۇپ، بۇ زېمىن كۈردلەر، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئەسكىرى، ئەركىنلىك قىسىملىرى، ئايسىس ئسىلام دۆلىتى ۋە تۈركىيە قاتارلىق نەچچە تەرەپ كۈچلىرى ئارىسىدا ئىزچىل تالاشتا بولۇپ كەلگەن بىر جاي. ئۇنداقتا بۇ زېمىن زادى كىمگە مەنسۇپ؟ ھەممە تەرەپ بۇ زېمىننى ئۆزىگە تەۋە دەيدۇ، ئەمما خەلقئارا قانۇنلار بويىچە قارىغاندا بۇ زېمىن ئەسلىدە سۈرىيىگە تەۋە بولۇشى كېرەك. بىراق تۈركىيە ئۇ زېمىننى تارىختا ئۇلارغا مەنسۈپ بولغىنى ئۈچۈن مەڭگۈ تۈركىيەنىڭ زېمىنى بولىشى كېرەك دەپ قاراۋاتىدۇ. تۈركىيە مۇشۇنداق باھانىلەر بىلەن كۇرد تېرورچىلىرىنى بېسىقتۇرۇشنى ئويلاۋاتقان بولۇشىمۇ ۋە ياكى روسسىيە ياكى ئامېرىكا بىلەن مەلۇم كېلىشىملەرنى تۈزگەن بولىشىمۇ مۇمكىن، بۇنى بىز بىلمەيمىز. ئەمما تۈركىيە بۇھەرىكىتى بىلەن ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي شۇنداقلا گىئوسىياسەتتە بەلگىلىك كۈچكە ئىگە بىر ئىسلام دۆلىتىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ بىر قىلتاق بولسا، ئۇ ھالدا تۈركىيەنىڭ ئەينى زاماندىكى ئىراقنىڭ قىسمىتىگە قېلىشى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدىغان ھادىسە دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

گەرچە تۈركىيە بىلەن ئىراق مەلۇم جەھەتلەردە يەنىلا پۈتۈنلەي ئوخشاشلىققا ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، ئەردوغان بۈگۈن ئۆز دۆلىتىنى چىققىلى بولمايدىغان بىر ھاڭغا سۆرەپ كىردى. ھالبۇكى بۇ ھاڭ مەڭگۈ چىققىلى بولمايدىغان بىر ھاڭ. بىز بۈگۈن يەنە ئېفوفىيەنىڭ دۆلەت باش مىىستېرىنىڭ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆردۇق. بىز يەنە ئەردوغاننىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى، دېمۇكراتىيە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلماستىن بەلكى مىللەتچىلىك، ئېرقچىلىق ۋە مەزھەپچىلىكتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، مىڭ يىللاپ ئېزىلگەن مەزلۇم كۇرد خەلقىنى بوزەك قىلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدە يەنە بىر قىسىم غەلىتىلىكلەر بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ سۈرىيە بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلدى، روسسىيە ۋە ئىرانمۇ سۈكۈتتە. ئەمما كۈردلەر بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى بولمىغان ئىسرائىلىيە كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، كۈردلەرنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسرائىلىيە پرېزدېنتى نەيتانىياھۇ كۈردلەرنى قورال – ياراغ ، ئىقتىساد ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىن قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ چاغدا سەئۇدىي ئەرەبىستانمۇ كۇردلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئىكەلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەجەبا بۇ ئىشتىن ئاۋۋال ئامېرىكا پرېزېنتى ترامپ بۇ ئىشلارنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە خەۋەر قىلمىغانمىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئىران، روسسىيە، سۈرىيەلەر سۈكۈت قىلىدۇيۇ ، ئىسرائىلىيە، سەئۇدىي ۋە باشقا دۆلەتلەر ئولتۇرالماي قالىدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدېنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. لېكىن بىر نەرسە ئېنىقكى، ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكىتى ئېغىر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.چۈنكى ئەردوغان قولىدا ھېچنىمىسى بولمىغان كۈرد خەلقىنى قىرىپ يوقىتىۋېتەلمەيدۇ. گەرچە ئەردوغان بۇ ھەقتە تولىمۇ نومۇسسىز بىر باياناتنى يەنى،ياۋروپا ئۆزىنى قوللىمىسا، تۈركىيەدىكى نەچچە مىليۇن مۇساپىرنى ياۋروپاغا يولغا سېلىۋېتىش بىلەن تەھدىت سېلىشتەك نومۇسسىزلىقتا ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان باياناتنى ئېلان قىلدى. ئۇنداقتا ئەردوغان قايسى ئەخلاق ۋە قانداق سەۋەب بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغاندۇ؟ قارىغاندا ئەردوغان تۈرك خەلقىنىڭ گۆرىنى قازغۇچى بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.

 

https://www.facebook.com/groups/562403764499968/permalink/562650147808663/

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خىتاي زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسنى مايىك پومپىيو ۋە سىڭلىسىغا قارشى مەجبۇرى سۆزلەتكۈزدى!

دۈ ئۆكتەبىر 14 , 2019
زۇمرەت داۋۇت (30) ئۈرۈمچىلىك بولۇپ، 2018 -يىلى يازدا قامىلىپ ئۈچ ئايدىن كىين پاكستانلىق يولدىشنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارانىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قويۇپ بىرىلگەن. 2019-يىلى ئاپرىلدا ئائىلسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن .

You May Like