تەبرىك ۋە چاقىرىق:28.ماي تۈركىيە پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇناسىۋەتلىك

تەبرىك ۋە چاقىرىق:28.ماي تۈركىيە پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇناسىۋەتلىك

تەبرىك ۋە چاقىرىق

28.ماي تۈركىيە پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇناسىۋەتلىك

ئۇيغۇر ئاگنېتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەھرىر ھەيئەتلىرى ۋە مۇدىرىيتى تۈركىيەنىڭ 28.ماي پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا،تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 13. نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەپەندىمنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەيدۇ. شۇنداقلا، تۈركىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادە ۋە ھۆر  تاللىشىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كەلگۈسىگە پايدىلىق بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر سايلامدىن كىيىنكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى سىياسەت لىنيىسىدە، تۈركىيەنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن  بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ۋە سىياسىي ئىستىراتىگىيەسىگە قايتىدىن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشىنى سەمىمىي تەلەپ قىلىدۇ.  

ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرستاندا، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتراپ قىلىۋاتقان، بۇنىڭغا قارىتا خىتايغا قارىتا تاشقىي سىياسىتىنى تەڭشەشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان،ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك، ئېقتسادى ۋە قانۇنى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوخشاش تارىخىي ۋە كۈلتۈرەل قىممەتلەرگە ئىگە بولساقمۇ  يىللاردىن بۇيانقى پاسسىپ پوزىتسىيەسىنىڭ دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنى مەيۈسلەندۈرىۋاتقانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ.

شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەھرىر ھەيئەتلىرى ۋە مۇدىرىيتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى سىياسىي مۇساپىسىدە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى سىياسىي كۈنتەرتىپىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.  ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە ئۆزى ئەزا بولغان\باشلامچىلىق قىلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئاممىۋى گەۋدىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گىرىژدانلىقىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ بىر قسىىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سۇبيېكتىپ تەشەببۇسىغا تاشلاپ قويۇلماسلىقىنى، ئەكسچە  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى ۋە تۈرك ئىرقىدىكىلەرگە قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان ئالاھىدە تۈزۈلمىسى رامكىسىدا قوغدىلىشى ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.  

خىتاينىڭ ياكى خىتايغا ئوخشاش زېھنىيەتتىكىلەرنىڭ غەرەزلىك پاش قىلىشى سەۋەبلىك ياكى نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن، چېگرادىن چىقرىلىۋىتىش خەۋپى بىلەن دەككە-دۈككىدە تۇرىۋاتقان مەھكۇملارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، تۈركىيەدە ئوقۇش ۋە تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم ياشاش ئارزۇسىغا ئىنساني ۋە قانۇنى رامكىدىن ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى سورايدۇ.

ئامېرىكا ياكى غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، دېموكراتىك قىممەتلەر ئاساسىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئاكتىۋىىست ۋە ئورگانلارنى غەرەزلىك ھالدا تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە سەلبىي كۆرسىتىۋاتقان شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ دېزئىنفورماتىسيەسىگە ئىشەنمەسلىككە چاقىرىدۇ.

دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىش ۋە ئوبيېكتىپ ھالەتتە كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئاگېنتلىقنىڭ مەقسەتلىرى قاتارىدىن بولۇپ، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇ مەقسەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەھرىر ھەيئەتلىرى ۋە مۇدىرىيتى

2023-يىلى 28-ماي

 

 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

كەچۈرۈم تەشكىلاتى يوقالغان ئۇيغۇر ھەققىدىكى باياناتىنى قايتۇرۋالدى.ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان كورىيەدە.

سە ماي 30 , 2023
كەچۈرۈم تەشكىلاتى يوقالغان ئۇيغۇر ھەققىدىكى باياناتىنى قايتۇرۋالدى.ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان كورىيەدە.

You May Like