ئوبزور:ئۇيغۇر دىياسفوراسى ئۆزىنى قاتتىق سىلكىشى كىرەك:

ئۇيغۇر دىياسفوراسى ئۆزىنى قاتتىق سىلكىشى كىرەك:

 
بىگۇناھ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ غورۇرى-ئىمانىنى دەپسەندە قىلىشقا مەخپى يول قويۇۋاتامدۇق؟
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرئان
بۇ قېتىم ئىستانبۇل سىلىم پاشادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوقۇ ئۇيغۇر »مەكتىۋىدىكى 56 ياشلىق ئەر خادىمىنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان 13 ياشقىچە بولغان كۆپلىگەن نارەسدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قىلغان جىنسى پاراكەندىچىلىكى مەسلىسى-پۇتۇن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئادىمى تۇيغۇسغا ئۇرۇلغان بىر تەستەك.
بۇ بىر شەھەر، بىر مەكتەپ، بىر دىندىن ھالقىغان ئىغىر ۋەقە، نومۇسسزلىق ۋە شەرمەندىچىلىك. قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەتنڭ ئەڭ ئاخىرقى نومۇسغا قىلىنغان ھاقارەت.بۇ يەردە بىر ئورۇن ياكى بىر دىنغا ئەمەس، ھەرىكەتنى تەنقىد قىلىش كىرەك.ئۇنىڭغا يول قويۇۋاتقان ئاۋامنىڭ ۋىجدانىغا سۇئال قويۇش كىرەك.
كىچىك نارەسدە قىزلارنىڭ بەدىنىنى سيلاش، سۆيۇش ، نازۇك يەرلىرىنى تۇتۇش-ئىنسانلار ياشايدىغان ھەر قانداق جايدا كىچىك ئىش ئەمەس، بۇ ناھايتى شەرمەندە ۋە چوڭ جىنايەت.
مەن ياشايدىغان ئامېرىكىدا بولسا قاتتىق جازالىنىدۇ.
ئەمما بۇ قېتىمقى شەرمەندىچىلىككە قارىتا، تونۇلغان ئۇيغۇر جامائەت شەخسلىرى ئومۇميۇزلۇك سۇكۇتتە تۇردى.
ئاز ساندىكى ھەقىقى دۇرۇس ۋە ساغلام كىشلەردىن باشقا، كۆپ قسم ئاتالمش پائالىيەتچىلەر، داڭلىقلار، ئۆلىمالار، تەشكىلاتلار ئىنكاس بىلدۇرمىدى. سۇكۇتتە تۇرىۋالدى، خۇددى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى يوقتەك، خۇددى مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇلارنىڭ ئەمەستەك.
ئاتا-ئانىلار نومۇستىن يىرىلىپ، ئازابىنى كىشلەردىن يوشۇرۇپ، ھەممىنى قەلبىگە سىلىپ دەرت ئۇستىگە دەرت ئالدى.
ئەمما بىر قسم ئىنسانلار بىزدەك قىرغىن قىلىنۋاتقان خەلقنىڭ مەسۇم بالىلىرىغا قىلىنغان بۇنداق ھايۋانى جىنايەتلىرىنى ئەيىپلىمەكتە يوق، ئەكسچە ئۇنى كىچىكلىتىش، ئاقلاش، يوققا چىقىرش ، ھەتتا پاش قىلغۇچىلارغا دىن دۇشمىنى دەپ قالپاق كەيگۇزۇپ ئۇجۇقتۇرماقچى بولۇشتى.
بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ نومۇسسز سالاھىيتى ۋە سۇيقەستى ئىنىق بولدى: سەن ئەسلىدە بۇ جىنايەت تورىنڭ ، شەرىئەتتىكى ئىغىر جىنايەت-ھارامنىڭ بىر ئەزاسى.ئەسلىدە ئىسلامغا ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىك قىلغۇچى سەن.
.
ئۇيغۇر بالىلىرى-ۋەتەندە ئەڭ ئىغىر خورلانغۇچىلارنىڭ بىر قسمى ئىكەنلىكى پۇتۇن دۇنياغا ئاشكارە.
قىزى بار ئاتا-ئانىلار ئويلىنىشى كىرەك:
بۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى قانداق ئىلىشمىز كىرەك؟
ئۆلىما-ئۇستازلار ئويلىنىشى كىرەك:
بۇنداق ئىپلاس ھارامنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز ؟
جامائەت ئويلىشنى كىرەك:
بۇنداق ئىشلار يۇز بەرگەندە، ھەممىمىز ئۇنى يوشۇرۇپ، ئاغزىنى تۇۋاقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنامدۇق؟ ياكى قانۇنى ھوقۇقىمىزنى، ئىمانىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى قوغدامدۇق؟
ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن بۇ سۇئاللارنى سورايلى:
بىز بىر قۇللۇق، خورلۇقنى راۋا كۆرىدىغان بىر ئەۋلات تەربىيلەۋاتامدۇق؟
بۇنداق جىنسى پاراكەندىچىلىك، ئاياللارنى خورلاش، كىچىكلەرنى بوزەك قىلىش ۋەقەلىرى قانچىلىك يۇز بىرىۋاتىدۇ؟
نىمە ئۇچۇن بىز مۇسۇلمان تۇرۇپ ئىشلارنى مۇسۇلمانلىق
قائىدىسى بويىچە بىجىرمەيدىغان ،ئىپلاسلىقلارنى يوشۇرىدىغان بولۇۋالدۇق؟
بىز بۇلارنى يوشۇرۋاتامدۇق؟ ئۆزىمىزنىڭ ئابرويىنى دەپ يوشۇرغان بۇ قىلمىشلار-بالىلىرىمىز ئۇچۇن قانچىلىك ئىغىر جسمانى ۋە روھى زەربە بىرىدۇ؟
مىللەت ئۇچۇن ، ئىسلام ئۇچۇن قانداق ئىغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ؟ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا بىزنى قانچىلىك ئوسال ئورۇندا قويىدۇ؟
ئەگەر كۆز ئالدىمىزدىكى بىگۇناھ مەسۇم قىز بالىلىرىمىزنى قوغدىمىساق، قايسى ۋەتەننى قوغدايمىز؟
كۆز ئالدىمىزدا بالىلار ھوقۇقى دەپسەندە بولسا قايسى كىشلىك ھوقۇقنىڭ گىپىنى قىلىمىز؟
ئىسلامنىڭ شەرىپى مۇشۇنداق ھاقارەت قىلىنسا، بۇنىڭغا مۇۋاپىق جاۋاپ قايتۇرماي،ئىسلامنى قانداق تارقىتىمىز؟
ۋەتەننى قوغدىمىدۇق، ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى قوغدىيالمىدۇق، ۋەتەندە ئىسلامنى قوغدىيالمىدۇق، ئەمما كۆز-ئالدىمىزدىكى بىگۇناھ بالىلىرىمىزنى نىمىشقا قوغدىمايمىز؟

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىزنىڭ دادىسى:مەن زادى قاندا قىلىشىم كېرەك ؟

چا ئىيۇل 19 , 2023
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىزنىڭ دادىسى:مەن زادى قاندا قىلىشىم كېرەك ؟

You May Like