كەچۈرۈم تەشكىلاتى يوقالغان ئۇيغۇر ھەققىدىكى باياناتىنى قايتۇرۋالدى.ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان كورىيەدە.

تۇرسۇنجان،ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 30-ماي

ۋول سچرىت ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن سەھەر بايانات ئىلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئابدۇۋەلى ئابدۇراھماننىڭ 10-ماي خوڭكوڭدا يوقىلىپ كەتكەنلىكىگە ئائىت باياناتىنىڭ «توغرا ئەمەس»لىكىنى، ئابدۇراھماننىڭ سەيشەنبە كۈنى سەھەردە كورىيەدىن مەزكۇر تەشكىلات بىلەن ئالاقە قىلىپ،   ئۆزىنىڭ كورىيەدە تىچ ئىكەنلىكىنى ۋە خوڭكوڭغا بارمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان. شەنبە كۈنى خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى بېخەتەرلىك ساقلاش ئىدارسى باشلىقى بايانات بىرىپ،ئابدۇۋەلى ئابدۇراھماننىڭ خوڭكوڭغا كەلمىگەنلىكى ياكى كىرىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغانلىقىنى سۆزلىگەن.ئارقىدىن  كورىيەنىڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر ئىلان قىلىپ، ئابدۇۋەلىنىڭ پىروففىسورىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى سۆزلىشپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ،  تېخىچە كورىيەدە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نىمە ئۈچۈن بۇنداق خاتا باياناتنىڭ بىرىلىپ،دۇنيادا كۈچلۈك تەسر قوزغىغانلىقى، بۇ خاتا خەۋەرنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ھىچقانداق ئاخبارات ۋاستلىرىغا جاۋاپ بىرىشنى رەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئادوۋكات رەيھان ئەسەتنىڭ ۋول سچرىت ژۇرنىلىغا بىلدۈرىشچە، ئابدۇۋەلى ئۇنىڭ بىلەن دۈشەنبە كۈنى تىلفوندا سۆزلەشكەن ۋە ئۆزىنىڭ زادى نىمە ئ‍ش بولغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيادا 50 دىن ئارتۇق چوڭ تاراتقۇ ئابدۇۋەلى ئابدۇراھماننىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىگە ئائىت خەۋەر بەرگەنىدى.ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر ئىلان قىلغانىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى-دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىلگىرى نەچچە ئون قېتىمدىن ئارتۇق راست-يالغانلىق مەسلىسى، ۈقانۇنى دەۋا-دەستۇرغا چتىلغان. كەچۈرۈم تەشكىلاتى-ئامېرىكا، روسيە، ئسرائىلىيە، كونگو ،ۋېىيتنام ۋە ختتاي قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

كومدىيەچى ئادىل مېجىتنىڭ ئ‍ستىلاچى كاڭشى خان سياقىدا ئۇيغۇر سەنئىتنى ھەزىل قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى.

سە ماي 30 , 2023
كومدىيەچى ئادىل مېجىتنىڭ ئ‍ستىلاچى كاڭشى خان سياقىدا ئۇيغۇر سەنئىتنى ھەزىل قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى.

You May Like