Home » جىددىي: ئىستانبۇلدا يەنە بىر ئۇيغۇر ئائىلە تۇتقۇن قىلىندى

جىددىي: ئىستانبۇلدا يەنە بىر ئۇيغۇر ئائىلە تۇتقۇن قىلىندى

by uyghurtimesuyghur
يەنە بىر ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى

يارۇق، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 20-سىنتەبىر

ئىستانبۇل ج خ تارماقلىرى بۈگۈن، يەنى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 ئەتراپىدا، ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە ناھىيەسى سافاكۆي رايۇنى فەۋزى چاقماق مەھەللىسدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلە تۆت جاننى تۇتۇپ كەتكەن.
نەخمەيدانغا شاھىت بولغان قوشنىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30 ئەتراپىدا قارا كىيىم كىيگەن قوراللىق ساقچىلار بىناغا ناھايتى قوپال ۋە ھەيۋەت بىلەن بېسىپ كىرگەن، ھەتتا تۇتقۇن قىلىنغۇچىلار ئىشىكنى ئېچىپ بولغۇچە ئىشىكنى چىقىپ ئاچقان.
ئىگەللىنىشچە، تۇتقۇن قىلىنغۇچىلار قۇربانجان قادىر (39 ياش)، مۇنەۋۋەر مۇھەممەت ( 36 ياشلار ئەتراپىدا) بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالتە ۋە تۆت ياشلىق ئىككى ئوغۇل پەرزەنتى بار ئىكەن. بىر بىنادا ئولتورىدىغان -ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ياش- تۇتقۇندا ئائىلىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. قۇربانجان ئىشلەپ ئائىلىسىنى بېقىشتىن باشقا، تۈركىيە قانۇنى ۋە جەمىئىيەت تۈزۈملىرىگە خىلاپ قىلغۇدەك بىر ئىش سادىر قىلىپ باقمىغان ئىكەن.
نۆۋەتتە، قۇربانجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ۋە قايسى ج خ تارمىقى تەرىپىدىن

تۇتۇلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر يوق.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىستانبۇل ج خ تارماقلىرى ئىستانبۇلدا نورمال ئوقۇش ۋە ئىشلەش بىلەن مەشخۇل بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا پات-پات تۇتقۇن قىلىنىش ئوپېراتسىيەلىرىنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ. بۇ ئوپېراتسىيەلەرنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئوپېراتسىيەلەر تۈركىيەدە تېخىچە گېرىژدانلىق ياكى تۇرۇش رۇخسىتى (ئىقامەت) ئېلىپ ئۇيغۇرلارنى پسىخكىلىق ساراسىمىگە دۇچار قىلماقتا.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment