كومدىيەچى ئادىل مېجىتنىڭ ئ‍ستىلاچى كاڭشى خان سياقىدا ئۇيغۇر سەنئىتنى ھەزىل قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى.

كومدىيەچى ئادىل مېجىتنىڭ ئ‍ستىلاچى كاڭشى خان سياقىدا ئۇيغۇر سەنئىتنى ھەزىل قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى.

كومدىيەچى ئادىل مېجىتنىڭ ئ‍ستىلاچى كاڭشى خان سياقىدا ئۇيغۇر سەنئىتنى ھەزىل قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئابدۇلئەزىز، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 30-ماي

 

يېقىندا سوسيال مېدىيالار ئارقىلىق ئۇيغۇر كۈلدۈرگە چولپىنى ئادىل مېجىتنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا مانجۇ ئىمپراتۇرلىرىدىن بولغان كاڭشى خاننىڭ پادشاھلىق تاجى ۋە تونىنى كىيىپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ ۋە چاقچاق قىلىشى، ئۇسۇل ئوينىشى -مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.

دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى مۇنداق دىگەن:

مەن بۇ ۋىدىيونى كۆرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ روھىي قۇللۇق سىياسىتىنىڭ ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىدىن، خەلقىمىزنىڭ نەقەدەر ئېغىر ۋە بىچارە ئەھۋالدا قالغانلىقىدىن بەكلا ئۆكۈندۈم. ئەمىليەتتە بۇ يالغۇز ئادىل مىجىتنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مىللەتنىڭ بىشىغا كەلگەن ئېغىر زۇلۇمنىڭ ئاچچىق ئىپادىسى. ئۇنىڭ ئورنىدىن ھەر قانداق بىرىمىز بولساق، يا تۈرمە / لاگىرلاردا بولۇشىمىز، ياكى ئادىل مىجىتلەر بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە يۈزلىنىشىمىز مۇمكىن..

يەنە بىر تورداش مۇنداق يازغان:

.بۇ خەلقىمىزغىمۇ ئامال يوق .بەلكىم بىزمۇ شۇ يەردە بولغانبولساق بىزمۇ مەجبۇرلىناتتۇق بۇ پەقەت مەجبۇرىيەت ئاستىدىلا بولۇنغان ئۇسۇل دەپ ئويلايمەن بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم

 

ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇنداق دىگەن:

مەن بۇنى بىر مازاق دەپ چۈشەنگەنمۇ بولاتتىم يىگىرمە يىل بۇرۇن. لېكىن ھازىر ئۇنداق چۈشەنمەك قىيىن، ئەمما مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن، ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئالدىن ئېلىنغان تەدبىر، ئۆزىچە ئاقىللىق، بۇنداق ئاقىللىق قۇربان نىياز دېگەن خىتايچە مەكتەپ ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى كوڭزىغا تازىم قىلدۇرغان قىزىل پاچاقتىمۇ بار.

ئەمما مەن بۇنى توغرا چۈشەنمەيمەن، توغرا چۈشەنگەنلەرنىمۇ توغرا چۈشەنمەيمەن، بۇ دۇنيادا شەرەپ بىلەن ئۆلۈش، نومۇس ئۈچۈن ئۆلۈش، ۋىجدان ئۈچۈن ئۆلۈش دېگەن ئۇقۇممۇ بار، ياشاش دېگەن مايمۇنغا ئايلىنىش دېگەنلىك ئەمەس. مۇنداق مايمۇنلار ئارىمىزدىمۇ بار… چاتاق يېرى مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئامېرىكانىڭ ئويۇنى دەيدىغانلارمۇ بار

كۆپچىلىك يەنە ختاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت ئاسسلماتسيە تۈزۈمى تىز سۈرئ‍ەتتە يۈرگۈزىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك پەيتتە، ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە سەنئىتنى بۇ شەكىلدە ئۆزگەرتىش ۋە ئاكتىپلىق بىلەن بۇرمىلاشنىڭ كەلتۈرىدىغان خەتەرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

ختاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ئادىل مېجىت قاتارلىق سەنئەتكار ۋە زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلغاندا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھەرىكەتكە كىلىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سوسيال مېدىيا ھەرىكىتى قوزغاپ، ئاكتىپ  كۈچ چىقارغانىدى.كىين ختاي ھۆكۈمىتى ئادىل مېجىتنى قويۇپ بەرگەندىن كىين، مەزكۇر كىشى توختىماي ختاينى مەدھىيلەيدىغان پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تورداشلاردىن مۇھەممەد ئەپەندى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دىدى:بىز ۋەتەندە ئەمەس، شارائىتنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئۇلاردەك بىلمەيمىز، ۋەتەندە بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا ئۇيغۇرلارغا  زىيان سالمايدىغان ھەرىكەتلىرىنى توغرا چۈشەنسەكمۇ، ئادىل مىجىتنىڭ قىلىقسزلىقىنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئۇيغۇرىئان: ئابدۇۋەلى ئابدۇراھماننىڭ سرلىق ھېكايىسى

سە ماي 30 , 2023
ئابدۇۋەلى ئابدۇراھماننىڭ سرلىق ھېكايىسى

You May Like