« تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» يورۇق كۆردى!

« تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» يورۇق كۆردى!

« تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» يورۇق كۆردى!
 
گۈلچېھرە ئابدۇقېيۇم خوجا
 
2023- يىلى -2 ئاينىڭ -21 كۈنى
 
بۈگۈن دۇنيا ئانا تىل كۈنى، تۇنجى كىتابىم « تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز » نىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە دۇنياغا تارقىتىلىشى مېنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالدى.
كىتابىمنى ئۇيغۇر مىللىتىم، ئانا تىلىمغا، ئۇيغۇر مەدىنىيىگە بېغىشلايمەن. بۇ كىتابتا خىتاينىڭ ئانا تىلىمىزنى، مەدىنىيىتىمىز، تارىخىمىز ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ھەممىنى يوقىتىش سىياسەتلىرىنى، مەن ۋە مېنىڭ ئائىلەمنىڭ بۇنىڭغا قارشى، ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى يورۇتۇشقا تىرىشتىم. بۈگۈن بۇ كىتاب پۈتۈن چوڭ كۈتۈپخانا ۋە Walmart, Costco, Target, قاتارلىق ۋە باشقا تاللا بازارلىرىنىڭ كىتاب شىرەسىگە تىزىلىدۇ.
كىتابىمنىڭ ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە خىتايغا بولغان خاتا ياكى ئاجىز تونۇشلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە ئۆزگەرتىشىگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ماڭا ئىشەنگەن، مېنى سۆيگەن، مېنى قوللاپ كەلگەن ھەر بىر ئوت يۈرەك ئۇيغۇرلىرىمغا چىن يۈرۈگۈمدىن ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پۇتىن كرېمىل سارىيىدا ۋاڭ يىنى كۈتۈۋالدى

چا فېۋرال 22 , 2023
پۇتىن كرېمىل سارىيىدا ۋاڭ يىنى كۈتۈۋالدى

You May Like