داڭلىق يازغۇچى سالمان رۇشدى نيۇ-يوركتا يارىلاندۇرۇلدى

داڭلىق يازغۇچى سالمان رۇشدى نيۇ-يوركتا يارىلاندۇرۇلدى

 داڭلىق يازغۇچى سالمان رۇشدى نيۇ-يوركتا يارىلاندۇرۇلدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 12-ئاۋغۇست

داڭلىق يازغۇچى سالمان رۇشدى نيۇ-يوركتا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، نامەلۇم كىشى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان بولۇپ ،ھازىر داۋالاش ئۈستىدە ئىكەن.

سالمان رۇشدى 75 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە 12 رومان ئېلان قىلغان،ئەسەرلىرى كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

سالمان رۇشدى 1980-يىللىرى يازغان «شەيتان قىسسىلىرى» ناملىق رومانىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى سۆزلىرى  سەۋەبىدىن ئىران تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش مۇكاپات بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغان.

سالمان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ يەنە خەلقئارا كۆچمەن يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، نيۇ-يوركتا خەتەر ئىچىدىكى يازغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سالمان رۇشىدى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەن.

سالمان رۇشدى ئۆزىنىڭ خاس تەپەككۇرى، سىياسىي مەيدانى ۋە ئەسەرلىرى سەۋەبلىك غەربتە ئالقىشقا ئېرىشكەن يازغۇچى بولۇپ،ئۇنىڭ يارىلاندۇرۇلۇشى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا پىكىرى ئوخشىمىغان يازغۇچى ياكى شەخسلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە يەنە قايتىدىن غۇلغۇلا قوزغىماقتا. ئەمما مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا، ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلىش ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ دىنى ئېتىقادىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پاكىستان، ھىندونېزىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان،ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىسلام دىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، قۇرئان كەرىم ھەققىدە تەنقىدى ياكى سەلبىي ئەسەر ئېلان قىلىش چەكلەنگەن. تەنقىد قىلغۇچىلار بەزىدە ئۆلۈم بىلەن جازالانغان، مەزكۇر جازالاش تەدبىرلىرى مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش مەسىلىسى ھەققىدىكى زور ئىختىلاپنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

« ب د ت» 8-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇپ چىقىدۇ

شە ئاۋغۇست 13 , 2022
« ب د ت» 8-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇپ چىقىدۇ

You May Like