ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ماتەم كەلدى ئويغان ئۇيغۇرۇم

ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن بىرى، تىز پۈكمەس دىيارىمىز خوتەننىڭ غۇرۇرى، ئەسەرلىرى بىلەن ئەلنىڭ يىغىسىغا يىغلاپ كۈلكىسىگە كۈلگەن يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ ئىككىنجى كۈنى ‹بەلكىم 3-كۈنى بولۇشىمۇ مۇمكىن› ئائىلىسىگە ئۆلۈك ھالدا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

 

ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-06-10

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

ۋەتەندىن يەنە بىر مۇسۇبەت:

ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن بىرى، تىز پۈكمەس دىيارىمىز خوتەننىڭ غۇرۇرى، ئەسەرلىرى بىلەن ئەلنىڭ يىغىسىغا يىغلاپ كۈلكىسىگە كۈلگەن يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ ئىككىنجى كۈنى ‹بەلكىم 3-كۈنى بولۇشىمۇ مۇمكىن› ئائىلىسىگە ئۆلۈك ھالدا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. مەرھۇم يازغۇچى ۋاپات بولۇشتىن يەتمىش كۈن بۇرۇن سورايدىغان گەپ بار دېگەن باھانە بىلەن ساقچىغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئېلىپ كېتىلگەن كۈنىلا كېسىلى قوزغىلىپ قالغان، ئەمما دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىگە نۆۋەت تەگمەي يەتمەش كۈن ساقلىتىلغان ۋە ئالتىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى جەسىدى بېرىلگەن. جەسەت بېرىلگەندە پۇتلىرىدىكى كىشەن تېخى ئېلىۋېتىلمىگەن. مەرھۇمنىڭ لاگىردا ياكى لاگىردىكىلەر قامالغان بىر دوختۇرخانىدا قازا تاپقانلىقى ياكى سوراقتا قىيناققا ئېلىنىپ ئۆلۈپ كەتكىنى ئېنىق ئەمەس، ئەمما تۇتقۇن جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكىنى ئېنىق. ئاللاھ مەرھۇم ئۇستازنىڭ روھىنى ئەمىن قىلغاي.

بۇ ماتەملىك خەۋەر يۈرەكنى موجىدى، ئامما بىز بۇ مۇسىبەت سەۋەپلىك مۈكچىيىپ كەتمەيمىز. لاگىردىكىلەر ۋە قاماقتىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولماسلىق ئۈچۈن قولىمىزدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىمىز.

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

مەرھۇم يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ تەرجىمىھالى

دۈ ئىيۇن 10 , 2019
2019-06-10 1949-يىلى 12-ئايدا خوتەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1966-يىلى خوتەن شەھىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن بىر مەزگىل دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

You May Like