Home شەخسلەريازغۇچى-شائىرلار ئۇستازىم ئابدۇراخمان قاھارنى ئەسلەيمەن

ئۇستازىم ئابدۇراخمان قاھارنى ئەسلەيمەن

by UT-Uyghur Reporter 1

 ئۇستازىم ئابدۇراخمان قاھارنى ئەسلەيمەن

 مىرزەخمەت مۇھەممەت
 
2020—يىلى 13—دېكابىر فايىسبوكتىن يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. چۈنكى مەن ئابدۇراخمان قاھاردىن مىللىي ئىنقىلابىمىز ۋە ئۇنىڭ غەلىبىلىرى، نادەم ۋە رىزۋانگۈلدەك قەھرىمانلىرىمىزنىڭ باتۇرلىقلىرىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدىم.

1983-يىلى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. ساۋاقداشلىرىم ئىلى ئوبلاستىنىڭ شۇنداقلا ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، بىلىم ئېلىش ئىستىكى كۈچلۈك بولۇپمۇ، ئەدەبىياتقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بالىلار ئىدى.

ئوقۇش باشلاپ بىرىنچى ھەپتىسى مەن مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىن «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئارىيەت ئېلىپ ئاجايىپ قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. سىنىپىمىزدا بۇ روماننى ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىممۇ بار ئىكەن. شۇڭا بىز روماندىكى باش قەھرىمان نادەم ۋە مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ كېتەتتۇق. مېنى ھەممىدىن بەكرەك ھاياجانغا سالىدىغىنى بۇ كىتابنىڭ ئاپتورىنىڭ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي —ئەنە ئاۋۇ كىشى ئابدۇراخمان قاھار مۇئەللىم بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىپ قويدى شەھەرلىك بىر ساۋاقدىشىم ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ، كۆزلىرى يوغان 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشىنى.

مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقلىرىدا كىتاب ئوقۇشقا بەك قىزىقىپ قالغان ئىدىم. ئۇ چاغلاردا كىتابخانىلار شەھەر ياكى ناھىيە مەركەزلىرىدىلا بولاتتى. ماڭا ئوخشاش يېزىدا ياشايدىغان بالىلار ئاكىلىرىمىز ياكى ساۋاقداشلىرىمىز ئوقۇۋاتقان كىتابلارغا ئۆچىرەت تۇرۇپ، كىتابنىڭ ئىگىسى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىر ھەپتىلىك ياكى ئۇزۇن بولسا ئون كۈنلۈك ئارىيەت ئالاتتۇق. شۇڭا جىن چىراغنىڭ يورۇقىدا كېچىلەپ ئوقۇپ تۈگىتەتتۇق. ئۇ چاغلاردىكى كىتابلار ئاساسەن خىتاي ئاپتورلار يازغان كىتابلار بولۇپ بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىدە پارتىزانلىق ئۇرۇشلار ياكى باي پومېشچىكلارنى تەنقىد قىلىدىغان، يەر ئىجارىسىنى كېمەيتىشكە ئوخشاش مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدى. كېيىنچە قولۇمغا «باھادىر شاھ لې زىچىڭ» ، «سۇ بويىدا» ، «قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە» دېگەندەك كىتابلار چۈشتى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ ھېكايىلەر توپلىمى، مەسەل-چۆچەكلىرى ۋە دەرسلىك كىتابقا تاللاپ كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالايدىغان بولدۇق.كىتاب ئوقۇشقا قىزىققانسېرى بۇنداق كىتابلارنى قانداق ئادەملەر يازىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلايتتىم. ئۇ چاغلاردا ئاپتورلارنىڭ تەرجىمىھالى ئاساسەن بېرىلمەيتتى.شۇڭا يازغۇچىلار بەكمۇ سىرلىق كۆرۈنەتتى. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك «ئىلى دولقۇنلىرى» نىڭ ئاپتورىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغىنىمغا بەك خۇشال ئىدىم.

مەكتەپتە خىتاي تىلى ئۆگىنىش ۋاقتىمىز توشۇپ كەسىپكە چۈشتۇق. يېزىقچىلىق دەرسىگە ئابدۇراخمان قاھار مۇئەللىم كىردى. ھازىر ئويلىسام مۇئەللىمنىڭ 50 ياشقا يېقىنلاشقان ۋاقىتلىرى ئىكەن. مۇئەللىمنىڭ مىجەزىدىكى ئېغىر-بېسىقلىق، يۈرۈش تۇرۇشىدىكى تەمكىنلىك، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مېھرىبانلىق، بولۇپمۇ كەمتەرلىكى ئوقۇغۇچىلارنى تېزلا ئۆزىگە جەلپ قىلغانىدى. ئۇ دەرسلەرنى قىسقا، مېغىزلىق سۆزلەيتتى. ھەر سائەتلىك دەرستە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بىز بىلمەيدىغان لېكىن بىلىشكە ئىنتىلىدىغان تارىخىي ۋە نەزەرىيەۋى بىلىملەردىن چۈشەنچىلەرنى بېرەتتى. دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ماختاپ، ناچارلىرىنى تەنقىد قىلمايتتى. ئوقۇغۇچىلارنى دادىل پىكىر قىلىشقا، كۆپ سوئال سوراشقا يېتەكلەيتتى. بەزى كۈنلىرى ئۆتۈۋاتقان دەرسىدىن ھالقىپ شۇ زاماندىكى زامانداش ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يېزىلىش ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى دەپ بېرەتتى. بۇنداق چاغلاردا سىنىپنىڭ ئىچى تىمتاس بولۇپ، ھەممىمىز ئىخلاس بىلەن ئاڭلايتتۇق. بىر كۈنى ئۇ زۇنۇن قادىرنىڭ «چېنىقىش» ھېكايىسىدىكى باش پېرسوناژ مەتنىيازنىڭ ھۇرۇنلۇقىدىن ئېتىزدا ئۆزى ئورىغان بىر باغ قىچىنى ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرغان ھالەتلىرىنى ناھايىتى قىزىقارلىق سۆزلەپ بەرگەنىدى. كۆپىنچە ھاللاردا سىنىپتا يېزىقچىلىق مەشىقى قىلاتتۇق. بۇ چاغدا ھەممەيلەن ئۆز ئىشىمىز بىلەن ئالدىراش بولۇپ سىنىپنىڭ ئىچى جىمىپ قالاتتى. بۇنداق پەيتلەردە مۇئەللىم دېرىزىدىن يىراقلارغا قاراپ خىياللارغا چۆكەتتى. يېزىقچىلىق دەرسىمىز ئاساسەن ئۈچىنچى، تۆتىنچى سائەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، بەزى كۈنلىرى مۇنازىرىلەر قىزىپ كېتىپ، دەرستىن چۈشىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي قالاتتۇق.

1985-يىلى ماي ئايلىرى بولسا كېرەك، سىنىپتىكى بەشىمىز بىر يەكشەنبە كۈنى مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، سۇ تۇرۇبا يولىنى كولاشقا ياردەملەشتۇق. مۇئەللىمنىڭ ئۆيى ئېسىمدە قېلىشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ دۆڭمەھەللە 9-كوچىسىدا ئىدى. چۈشلۈك تاماقتا مۇئەللىم ھەر بىرىمىز بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقتى. ئۆچىرەت ماڭا كەلگەندە ياماتۇدىن كەلگىنىمنى ئېيتتىم.

-ھە، مۇنداق دە، -ياماتۇ قىشلاقتامغا قوشنا مەھەللە. 1944-يىللىرىدىكى ئىلى ئىنقىلابىدا قىشلاقتامدىن زېھرۇللا نادىروف دېگەن بىر قەھرىمان چىققان. ئۇ ھەرەمباغ ۋە شىخۇ ئۇرۇشلىرىدا ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن قەھرىمان ئىدى. ئۇ پىلىموتچى بولۇپ قاتناشقان ئۇرۇشلىرىدا نۇرغۇن دۈشمەننى يەر چىشلىتىپ ئۇرۇشنى غەلىبە بىلەن تۈگەتكەن. بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا دۈشمەن ئايروپىلانى ئەسكەرلىرىمىزنى كۆپ چىقىمدار قىلىدۇ، بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغان زىھرۇللام ئالدىدا تۇرغان كۆتەك ھارۋىنىڭ شوتىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، چاقىنى ئوڭدا قىلىپ ئۈستىگە پىلىموتىنى قويۇپ ئايروپىلانغا شىددەتلىك ئوت ئېچىپ، ئاخىرىدا دۈشمەن ئايروپىلانىنى يەكسان قىلىدۇ. ھەم ئۇ «كۈرەش قەھرىمانى» ، «ئازادلىق ئۈچۈن» قاتارلىق ئالتۇن ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئىنقىلاب ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن يەرلىككە قايتىپ، قورغاس ناھىيەسىنىڭ كۆكتالا دېگەن يېرىدە ياشىغان، ئەمما ئۇ قان كېچىپ قىلغان ئىنقىلابنىڭ بىكارغا كەتكەنلىكىنى تولا ئويلاپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. شۇ چاغدا مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق قەھرىمانىمىزدىن پەخىرلەنگەن بولسام ئۇنىڭ ئاخىرقى ھاياتىغا بەكلا ئېچىنغان ئىدىم. شۇ كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىز مەكتەپكە قايتتۇق. نېمىشقىدۇر مۇئەللىممۇ بىز بىلەن بىللە مەكتەپكە ماڭدى، ھازىر ئويلىسام مۇئەللىم بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك. كەچ كىرىپ، كۆز باغلانغان ئىدى. بىز ئىككى تەرىپى كۆك تېرەك بىلەن قاپلانغان «ئەخمەتجان» كوچىسىدىكى «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتۇق، مۇئەللىم بىر دۇكاندىن چىقىپ كېتىۋاتقان بىرەيلەننى : -ھەي مالىك، دەپ چاقىردى. ئېگىز بوي، سېمىزرەك كەلگەن بۇ كىشى بۇرۇلۇپ بىز تەرەپكە كەلدى-دە، مۇئەللىم بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتى ھەم مۇئەللىمگە : يۈرۈڭلار ئاشخانىغا، مەن مېھمان قىلاي، دېدى.

—رەھمەت، بىز خېلى كۆپ، ئاشخانىغا كىرسەك سېنى بەك ئۆرۈۋېتەرمىزمىكىن، ھېكايەڭدىمۇ ئاغىنەڭ ئۆيۈڭگە كەلسە ئاران بىر تەخسە قورۇما چىقىرىپ، ئەڭ ئەرزان ھاراقنى قۇيغان تۇرساڭ. ھېكايە بولغاندىن كېيىن خەسىسلىك قىلماي، ئۈچ، تۆت تەخسە قورۇما، ئالىي سورتلۇق ھاراق بىلەن ئولتۇرساڭلار بولمامدۇ، — دېدى.

ھەممىمىز قاقاقلاپ كۈلۈشتۇق.شۇ ئارىدا مۇئەللىم بىزگە: بۇ مالىك كىۋېر دېگەن يازغۇچى ئاكاڭلار بولىدۇ — دېدى بىزگە تونۇشتۇرۇپ. ئەتىسى مەن مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىن مالىك كىۋېرنىڭ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان ھېلىقى ھېكايىسىنى ئوقۇپ چىقتىم. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن يەنە بىر ئۇيغۇر يازغۇچىسىنى ئارتۇق تونۇغان ئىدىم.

1987-يىلى مەن مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، دەسلەپتە ئوقۇتقۇچى، كېيىن گېزىتخانىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدىم. مۇئەللىممۇ 1988-يىلى كەسپىي يازغۇچى بولۇپ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتتى. كېيىن مەن مۇئەللىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن «كەچۈر مېنى نازاكەت» ، «ئادەملەر ماڭا رەھىم قىلماڭلار» قاتارلىق پوۋېست ۋە ھېكايىلىرىنى ئوقۇدۇم. ئۇ كەسپىي يازغۇچى بولغاندىن كېيىن «كۆڭۈل» ، «ھايات سىرى» ، «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى» قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق كىتابى نەشر قىلىنىپتۇ. ئۇنىڭ مەن ئوقۇغان ئەسەرلىرىدە ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق ئۈچۈن باشلانغان ئىلى ئىنقىلابى قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازى، ئىلى خەلقىنىڭ باتۇرلۇقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئەسەرلىرى خەلقنى ئويغىتىش، يېتەكلەش روھىغا ئىگە ئىدى.

مەن 15 يىللىق مۇخبىرلىق ھاياتىمدا ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ يىغىنلىرى ۋە يىغىلىشلىرىغا كۆپ قاتناشتىم، ئەمما بۇ سورۇنلاردا ئابدۇراخمان قاھارنى پەقەتلا ئۇچراتمىدىم. ئۇنىڭ روھىغا سىڭگەن كەمتەرلىك ئۆزىنى ئاممىۋى سورۇنلار ئارقىلىق خەلققە تونۇتۇش خاھىشىغا يول قويمىغان بولسا كېرەك.

2021-يىلى 1-يانۋار سىتوكھولم

مۇناسۋەتلىك تېمىلار