خارۋارد مۇدىرى بېيجىڭ ئۇنېۋرستىتىدا ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ «ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇدى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى، ئەردەم خەۋىرى 20- يانۋار، خارۋارد ئۇنىۋىرسىتى مۇدىرى لاۋرەنىس بەكوۋ (Lawrence S. Bacow) ئەپەندى بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىدا «ھەقىقەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇنىۋىرسىتنىڭ ۋەزىپىسى» ناملىق تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن

خارۋارد مۇدىرى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇدى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى، ئەردەم خەۋىرى 20- يانۋار، خارۋارد ئۇنىۋىرسىتى مۇدىرى لاۋرەنىس بەكوۋ (Lawrence S. Bacow) ئەپەندى بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىدا «ھەقىقەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇنىۋىرسىتنىڭ ۋەزىپىسى» ناملىق تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. لاۋرەنىس بەكوۋ ئەپەندى نۇتۇقىدا مەرھۇم شائىرىمىز ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ « ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىرىنىڭ باش كۇپلىتىنى نەقىل قىلىپ ئوقۇپ نۇتۇقىنى ئاياغلاشتۇرغان. مەزكۇر نۇتۇق ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچە تەرجىمىسى بىلەن خارۋارد تور بىتىگە يوللانغان. ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي رىجىمى ئاستىدا مىلىيون- مىلىيونلاپ لاگىرلارغا سولىنىۋاتقانلىقى پۈتۈن خەلقئاراغا، جۈملىدىن ئامرىكىغا سىر ئەمەس. ئامرىكا مۇئاۋىن پىرىزدىنتلىرى بولسا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئەڭ كۈچلۈك تەنقىد ياغدۇرىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق خارۋارد ئۇنىۋىرسىتى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپتىكى نۇتۇقتا ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىنى نەقىل قىلىشى ھەرگىمۇ تاسادىبىيلىق ئەمەس. بۇ بىر ئۆچمەس خاتىرە بولۇپ ساقلىنىپ قالغۇسى. تۆۋەندە «ھىدايەتنامە« ناملىق شېئىرنىڭ خارۋارد مۇدىرى نەقىل قىلغان قىسمى ئابدۇرېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈر
(1923-1995) ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى، تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى، تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى، دىلىم ئىستەيتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى. كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خوشال باشلايلى سۆھبەتنى. Abdurehim Ötkür: Along life’s road I have always sought truth, In the search for verity, thought was always my guide. My heart yearned without end for a chance of expression, And longed to find words of meaning and grace. Come, my friends, let our dialogue joyfully begin. 漫漫人生路上,我寻觅真理, 向往正义的途中,我苦思冥想。 我时时刻刻祈望着倾诉的机会, 用哪些充满意义和魅力的词语。 来吧,我的朋友们, 让我们畅所欲言,各抒胸臆。 مەنبە: https://www.harvard.edu/president/speech/2019/pursuit-truth-and-mission-university https://www.harvard.edu/sites/default/files/content/LSB_Beida_translation_032019_final_定稿_0.pdf https://www.harvard.edu/president/speech/2019/pursuit-truth-and-mission-university

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي ئالىي ئەمەلدارلىرى «شىنجاڭدىكى قاتتىق باستۇرۇش چوقۇم داۋاملىشىشى كېرەك» دېدى.

سە مارت 26 , 2019
ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم غەربتە كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىماقتا، بىراق خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بىيورو ئەزاسى ۋاڭ ياڭ « قاتتىق باستۇرۇش چوقۇم داۋاملىشىشى كېرەك» دېدى.

You May Like