Home ماقالىلارسياسى ئوبزورلار مۇستەقىللىق شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مېڭىلىدىغان بىردىنبىر يولدۇر

مۇستەقىللىق شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مېڭىلىدىغان بىردىنبىر يولدۇر

by Uyghur Reporter

‹‹خىتاي مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان قەتلىئامىنىڭ مەنبەسىدۇر››

«تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ئەسلى ئىنگلىزچە ماقالىنىڭ ئۇلىنىشى:https://foreignpolicy.com/2021/08/11/independence-east-turkistan-china-uyghurs-xinjiang/

تەرجىمىدە: مەمتىمىن ئەلا

مەمتىمىن ئەلا، «ئۆلۈمدىن بەتتەر: ئۇيغۇر قەتلىئامى ھەققىدە پىكىرلىنىشلەر» نىڭ ئاپتورى ۋە سالىھ خۇدايار، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى 

2021-يىلى 11-ئاۋغۇست

 27-ئىيۇل، «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى «مۇستەقىللىق چاقىرىقلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ياردەم بەرمەسلىكى مۇمكىن»  سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقى ۋە مۇستەقىللىقنى ياقىلايدىغان نۇقتىئىينەزەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما، يىراق نۇقتىدىن ئالغاندا، مۇستەقىللىق ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر يولدۇر. 

نۆۋەتتە، خىتاي شىنجاڭ دەپ ئاتايدىغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سۆھبەتلەر خەلقئارالىق توقۇنۇش رامكىسى ئىچىدە ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. 
 
 خىتاي ساختىلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى «قەدىمدىن تارتىپ» خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ كەلدى. ئىككى مىڭ يىللىق ئۇچرىشىشقا قارىماي، خىتاي تاكى 19-ئەسىرگىچە مەزكۇر رايوندا ئۆزىنىڭ زومىگەرلىكىنى ئورنىتالىغان ئەمەس. ھەرقايسى سۇلالىلەر رايوننىڭ بىر قىسمىنى قىسقا ۋاقىت باسقان، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى سېلىق تۆلەيدىغان مۇناسىۋەتكە ئېلىپ كىرگەن ۋە ئۇنىڭ ئىچكى سىياسەتلىرىنى مانىپۇلاتسىيە قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى ھېچ زامان خىتاي ئىمپېرىيەسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قېتىۋېتەلمىدى.  

 1877-يىلى چىڭ سۇلالىسى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالدى؛ 1884-يىلى ئۇنى رەسمىي يوسۇندا خىتايچىدا «يېڭى زېمىن» مەنىسىنى بېرىدىغان «شىنجاڭ» سۈپىتىدە ئۆزىگە قوشۇۋالدى. ئارقىدىن، چىڭ سۇلالىسى بۇ رايونغا خىتاي ۋە خۇيزۇ (خىتاي مۇسۇلمانلىرى) مۇستەملىكىچىلىرىنى يەرلەشتۈردى. 

خۇددى ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ناملىرىغا ئوخشاش، «شەرقىي تۈركىستان» نىسبەتەن يېڭى ئاتالغۇدۇر—ئەمما بۇ نام ئۇنىڭ خەلقى بىلەن رېزوناتسىيە ھاسىل قىلىدۇ. تارىخىي نۇقتىدىن، 5-ئەسىردىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتلەق كۆپ قىسمى «تۈركىستان» دەپ ئاتالدى. رۇسلارنىڭ 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى «غەربىي تۈركىستان» نى ئىشغال قىلىشى بىلەن، «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن بۇ ئاتالغۇ بۇ ئىككىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلدى. سىستېمىلىق كەمسىتىش، سىياسىي گىرۋەكلەشتۈرۈش ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ 1933-يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىشىغا سەۋەب بولغان مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەرىكىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. قىسقا ئۆمۈر كۆرگەن بۇ دۆلەت 1934-يىلى خىتاي جۇمھۇرىيىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن مىلىتارىست شېڭ شىسەي يېتەكچىلىكىدىكى خۇيزۇ ۋە خىتاي كۈچلىرىنىڭ بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. 
 
 1934-يىلى سوۋېت بېسىمى ئاستىدا، شېڭ مىللىي باراۋەرلىك، دىنىي ئەركىنلىك ۋە مەزكۇر رايوننىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشى ۋەدە قىلىنغان «سەككىز بۈيۈك سىياسەت» نى ئېلان قىلدى. ۋەھالەنكى، 1937-يىلى شېڭ شىسەي سۇن جوڭشەننىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنى يۆتكەش ۋە 100 مىڭدەك ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە تۈرمىگە ئېلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشتى. نەتىجىدە بۇ قايتىدىن جانلانغان مۇستەملىكىگە قارشى ھەرىكەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ بىرلىشىپ، سوۋېتلەرنىڭ ياردىمىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى 1944-يىلى  يەنە بىر قېتىم جاكارلىشىغا تۈرتكە بولدى. كېيىن موڭغۇللار بىلەن شىۋەلەرمۇ ئۇلارغا قېتىلدى. 
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى بەزى ئۇيغۇرلار گومىنداڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ ئىچىدە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنى ۋە ئاپتونومىيەنى  ئىزدىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە ھېچكىم قۇلاق سالمىدى. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىيسىزلەشتۈرۈلگەن دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1949-يىلى 27-ئاۋغۇست، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ھەققىدە خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ھازىرلانغان يۇقىرى دەرىجىلىك شەرقىي تۈركىستان لىدېرلىرى سىرلىق ئايروپىلان سوقۇلۇش ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلدى. 

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى 13-ئۆكتەبىردە بېسىۋالدى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى 1949-يىلى 22-دېكابىر كۈنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنىشىنى رەسمىي ھالدا «شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىشى» دېيىشىگە قارىماي، ئۈرۈمچى رادىئوسى 1952- ۋە 1954-يىللىرى جەمئىي 150 مىڭ «خىتاي دۈشمەنلىرى» نىڭ يوقىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغاندىن بېرى، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا تۈركىي خەلقلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش خاراكتېرلىك مۇستەملىكە سىياسەتلىرىگە توختىماستىن ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن تىنچلىقتا بىللە مەۋجۇت بولۇشنى ياكى ئۇلارغا قارشى تۇرۇشنى ئىزدىسۇن، ئۇلار زۇلۇمدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. 
 
 ھەتتا مەشھۇر ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناسى ۋە مەزكۇر ئاپتورنىڭ 27-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە «ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىغا قاتتىق قارشى تۇرغۇچى» دەپ قارالغان ئىلھام توختىمۇ ھازىر خىتايدا بۆلگۈنچىلىككە ئالاقىدار جىنايەت سەۋەبلىك ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. مەسخىرىلىككى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە ئىلھام توختى تەرىپىدىن ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەستىن ئەكسىچە ھەر ۋاقىت شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى تەكىتلەيدۇ» دەپ تەنقىدلەنگەن نۇر بەكرى 2018-يىلى پارا ئالغانلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. 

ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىزگە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  

مۇستەقىللىق ئىزدەش ھازىرقى ئەكسىل -قەتلىئام بايانلىرىغا زىيانلىقمۇ ياكى پايدىلىقمۇ؟ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يېقىنقى ھادىسە ئەمەس، شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇر قەتلىئامىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان پۇرسەتپەرەس ھەرىكەتمۇ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئەكسى توغرىدۇر: ئۇيغۇر قەتلىئامى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىشىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىدۇر، گەرچە ئۇ كېچىككەن بولسىمۇ. 

نەتىجىدە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۇيغۇر دىياسپوراسىىدا تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ. 2018-يىلى سېنتەبىردە ئاقساراينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ—ھېچبولمىسا دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ—ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن نېمىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىش كۆزلەنگەن «بىز خەلق» دېگەن رەسمىي مۇراجىئەت بېتىدە بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلەشكەن ئىككى مۇراجىئەت توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا تەشكىلاتلار قوللىغان ھەمدە «شىنجاڭ»، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ۋە «ئاز سانلىقلار» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن بىرىنچى مۇراجىئەت دۇنياۋى ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ 12،705 ئىمزايىمغا ئېرىشتى. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى  قوللىغان ۋە «شەرقىي تۈركىستان»، «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى»، «»قەتلىئام» ۋە «بېسىۋېلىنغان زېمىن» دېگەن ئاتالغۇلار ئىشلىتىلگەن ئىككىنچى مۇراجىئەت ئەينى ۋاقىتتا 108،564 ئىمزاغا ئېرىشتى. 

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چاقىرىقلىرى ئەكسىل -قەتلىئام بايانلىرىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئۇ بۇ قەتلىئامدىن ئىلگىرى نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تارىخىي نۇقتىدىن ئايدىڭلاشتۇرىدۇ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە چۈشىدىغان نەچچە ئەسىرلىك خىتاي -شەرقىي تۈركىستان توقۇنۇشىنى تونۇش ۋە ئۇ ھەقتە سۆزلەش ھەققىدىكى بېسىمنى كۈچەيتىدۇ. ئەكسىل -قەتلىئام بايانى بىلەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ—ئالدىنقىسى شەرقىي تۈركىستان كرىزىسىگە قارىتا قىسقا مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلسا، كېيىنكىسى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىنچ كەلگۈسىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە ئىنشائاتلىق ھەل قىلىش بىلەن چارىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 
 
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىزنى كېيىنكى -مۇستەملىكە شارائىتى ھەققىدە تېخىمۇ كەڭرەك ۋە ئىجادىيراق يول بىلەن ئۇيلاشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇ مەسىلىدىكى مۇرەككەپلىكلەرنى ئاچىدۇ—ئۇيغۇرلارنى ھەقىقىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇلارنىڭ قورقۇنچتىن، خورلۇقتىن ۋە زوراۋانلىقتىن خالىي ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىگە قۇلاق سالمىسا بولمايدۇ. ئەگەر بۇ  تەلپۈنۈشكە سەل قارالسا،كەسكىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق بىر ئەھمىيەتلىك كەلگۈسى قالمايدۇ.  

ئۇيغۇرلارنى بۇ قەتلىئامدىن كېيىن نېمە كۈتۈپ تۇرىدۇ؟ كىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇستەقىللىق غايىلىرىدىن ۋاز كەچسە، خىتاينىڭ بۇ قەتلىئامنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بېرەلەيدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆتكەن ئىككى ئەسىرلىك تراگېدىيەلىك تەجرىبىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇلارنى 21-ئەسىرگە ئۆزگىچە ئۇلۇس سۈپىتىدە ئېلىپ كىرگىنى دەل شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدۇر. 

ھەتتا لاگېرلار بىلەن تۈرمىلەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلار بۈگۈن كېچە قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا باستۇرۇش خاراكتېرلىك مۇھىتتا ياشاشقا مەجبۇرلانغان بولاتتى—ساناقسىز تەھدىدكار كۆزىتىش كامېرالىرى، ئاگرېسسىف خىتاي ساقچى كۈچلىرى، ئۇيغۇرلارغا بولغان قانۇنىي قوغدىنىش ۋە سىياسىي ھوقۇقلارنىڭ كەمچىللىكى، قاتارلىقلار. ئۇيغۇرلارنى كەلگۈسىدە كۈتۈپ تۇرىدىغىنى ئۇلارنى خىتايغا ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. 

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادىدىن قالغان زېمىنىدا تىنچ، ئەركىن ۋە مۇستەقىل ياشاشقا موھتاج، چۈنكى بۇنى خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. مۇستەقىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇردا، تىنچلىقتا ۋە ئەركىنلىكتە ياشىشىنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. 

بەزىلەرنىڭ مۇستەقىللىق چاقىرىقلىرىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق خىتاي جامائىتىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىئىنەزىرى بىر خام خىيالدۇر. بىز تا ھازىرغىچە غەربتىكى خىتاي جامائەتچىلىكلىرىنىڭ، زىيالىيلىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ مەزكۇر قەتلىئامغا بولغان قارشىلىقىنى ناھايىتى ئاز كۆرۈپ كەلدۇق. ئەكسىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا توردا ئېلىپ بېرىلغان خىتاي شوۋىنىزمىنىڭ ئۇيغۇر قەتلىئامىدىكى رولى ھەققىدىكى بىر مۇھاكىمىدە، ئامېرىكىدا ياشايدىغان مەشھۇر خىتاي «دېموكراتىيە لىدېرى» ۋېي جىڭشېڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئامنى ئىنكار قىپلا قالماي، بەلكى يەنە نومۇسسىزلارچە  ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا قارشى قەتلىئام ئېلىپ باردى دەپ ئەيىبلىدى. 

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلىرى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نەچچە قېتىملىق ۋەھشىيلىكلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت بۇ سىياسىي نىشانىدا چىڭ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە قۇربان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى تۆۋەن مۆلچەرلەنسە، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تارىختىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ۋە مۇستەقىل بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۈمىدىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەجەللىك بەدەل تۆلەپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش قىيىن بولىدۇ.  دەل بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىنىشى بار—بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بولۇشنى رەت قىلىش ۋە ھەممىنى يوقىتىش ھېسابىغا ئۆزى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش جاسارىتىدۇر. ئەگەر بىز بۇ جاسارەتنى ئۇنىڭ چېكىگە تۈرتسەك شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇل بولۇپ ياشاشتىن ئەركىن ئادەم سۈپىتىدە ئۆلۈش ئەۋزەلدۇر.

مەمتىمىن ئەلا ھازىر ئاۋسترالىيەدە تۇرىدۇ ۋە بېلگىيەدىكى كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى لېۋېندىن پەلسەپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇ «ئۆلۈمدىنمۇ بەتتەر: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئويلىنىش» نىڭ ئاپتورى.

سالىھ خۇدايار شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار