» ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى

» ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى

 ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 12-ئاۋغۇست

ئىجتىمائىي تور تاراتقۇسى «تارىم سوپىسى» (thetarimnetwork) نىڭ ئىنستاگرام سەھىپىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا 2021-يىللىق » ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە، ۋاشىنگتون رايونلۇق ئۇيغۇر پۇتبول بىرلەشمىسى( Uyghur Futbol Association of DMV) نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ۋېرگىنىيە شتاتىنىڭ لىسبۇرگ (Leesburg, Verginia) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى.

تارىم تور سۇپىسىنى ئىنستاگرامدىكى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە: » 2008-يىلى ئامېرىكا »ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى»  كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەتتىكى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان. 2011-يىلى، 11 ‍ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرى گوللاندىيەگە بېرىپ، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر كوماندىلار بىلەن رىقابەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى قويۇلغان. 2015-يىلى 1-قېتىملىق ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى ۋىرگىنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، لوس- ئانجېلېس، تورونتو ۋە بوستوندىن كەلگەن كوماندىلار بىلەن باشلىغان. 2019-يىلى، ئامېرىكا، كانادا، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، فرانسىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرى بىرلىشىپ شەرقىي تۈركىستان پۇتبول جەمئىيىتىنى قۇرغان ۋە CONIFA نىڭ بىر ئەزاسى بولغان. CONIFA بولسا FIFA نىڭ سىرتىدىكى گۇرۇپپىلار ئۈچۈن بولۇپ، ئۇلار خەلقئارادىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوللايدىكەن. شەرقىي تۈركىستان پۇتبول كۇلۇبى CONIFA دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە كىرىش ئۈچۈن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پارىژدا تاماملىغان» .

بۇ يىللىق ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندىلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى
2. ئۇيغۇر بىرلەشمە كلاسسىك كوماندىسى
3. مارىلاند ئۇيغۇر كوماندىسى
4. سان فرانسىسكو ئۇيغۇر كوماندىسى
5. بوستون -نىيۇروك ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى
6. ئىزچىلار كوماندىسى

Uyghur Reporter

Next Post

خىتاي شەرقى تۈركسىتان(ئۇيغۇرىستان) غا جاللات ۋاڭ خەي جىياڭنى باش ھەربى ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىدى

پە ئاۋغۇست 12 , 2021
خىتاي شەرقى تۈركسىتان(ئۇيغۇرىستان) غا جاللات ۋاڭ خەي جىياڭنى باش ھەربى ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىدى

You May Like