بىلدۈرگۈ: «كانادا كۆچمەنلىك پىروگراممىسى ئۇچۇر سەھىپىسى» قۇرۇلدى.

بىلدۈرگۈ: «كانادا كۆچمەنلىك پىروگراممىسى ئۇچۇر سەھىپىسى» قۇرۇلدى.

بىلدۈرگۈ: «كانادا كۆچمەنلىك پروگراممىسى ئۇچۇر  سەھىپىسى» قۇرۇلدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كاناداغا كۆچمەن بولۇش ئىشلىرىغا ئائىت ئۇچۇر، خەۋەر ۋە يېڭىلانمىلارنى ۋاقتىدا، توغرا ئۇسۇلدا ئامما بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەسئۇلى تاھىر ئىمىن ئەپەندى مۇزاكىرە ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە تور بېتىدە، مەخسۇس « كانادا كۆچمەنلىك پروگراممىسى ئۇچۇر مەركىزى» سەھىپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

كۆرۈش ئادرېسى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە بېتى مۇھاجىرەت-كانادا كۆچمەنلىك پروگراممىسى سەھىپىسى:

https://www.iuyghur.com/cat/kanada-kochmenliki

بۇنىڭدىن كېيىن دائىر كانادا ھۆكۈمىتى ۋە «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى»نىڭ كاناداغا كۆچمەن بولۇشقا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش ۋە بەلگىلىمىلىرى مەزكۇر سەھىپىدە كۆپچىلىككە سۇنۇلىدۇ. بۇ سەھىپىنىڭ رولى -پەقەت ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش بىلەن چەكلىنىدۇ.

ئەگەر بىۋاسىتە سوئالىڭىز بولسا، ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئۈچۈن كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنى ئىزدەڭ.

ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2023-يىلى 30-ئاپرېل.

Uyghur Reporter

Next Post

كاناداغا كىلىشتە ئالدىن تەييارلايدىغان ماتېرىياللار ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۈ ماي 1 , 2023
كاناداغا كىلىشتە ئالدىن تەييارلايدىغان ماتېرىياللار ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

You May Like